باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپس

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپس: روھ، جان، ئۆز، ئۆزى، زاتى، ئەزەمەت، ئىززەت، بىر شەيئىنىڭ جەۋھىرى، ئارزۇ ۋە ئىستەك دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. نەپس ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكىلدە بولۇپ جەمئىي 295 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. نەپس ھەم ئىنساننىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇقىنى ھەم ئىنساننىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، ياخشى-يامانلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان مەنىۋىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ: ”ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 98-ئايەت}؛ ”مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ(ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر“{سۈرە«يۈسۈف»(12-سۈرە)، 53-ئايەت}؛ ”ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، چوقۇم سىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ)“{سۈرە«قىيامەت»(75-سۈرە)، 2-ئايەت}؛ ”ئى ئارام تاپقۇچى جان!“{سۈرە«فەجر»(89-سۈرە)، 27-ئايەت}؛ ”بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز“{سۈرە«قاف»(50-سۈرە)، 16-ئايەت}.

يەنە >>سۈرەتلەر