باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئىنشا ئاللاھ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

ئىنشا ئاللاھ: ئاللاھ خالىسا دېگەن مەنىدە كەلگەن شەرت ھالىتىدىكى جۈملە بولۇپ، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقى، ئاللاھ ئىزنى بەرمىگەن ۋە خالىمىغان ھەرقانداق ئىشنىڭ روياپقا چىقمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. مۇئمىنلەر يېقىن كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان بىر ئىشنى ئىستىگەندە ئىنشا ئاللاھ ياكى خۇدا خالىسا(خۇدايىم بۇيرۇسا) بۇ ئىشنى قىلماقچىمەن دەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھنىڭ كامالىي ئىرادىسى ۋە قۇدرىتىنى ئىقرار قىلىپ ئاللاھتىن ياردەم ۋە مەدەت تىلەيدىغانلىقىنى بۇ سۆز بىلەن نامايان قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق زىكرى قىلىنغان: ”سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، ’ئەتە ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن‘ دېمەي، ’خۇدا خالىسا‘ دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن(يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى) ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن(يەنى ’خۇدا خالىسا‘ نى ئېسىڭغا كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: ’پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى(يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ تۈزۈك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن‘ دېگىن“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 23-، 24-ئايەتلەر}.

يەنە >>سۈرەتلەر