باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ماشا ئاللاھ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

ماشا ئاللاھ: بۇ سۆز ”شەيئى ياكى نەرسە“ مەنىسىدە كەلگەن ”ما“، ”خالىدى، ئىستىدى“ دېگەن پېئىل شەكلىدە كەلگەن ”شائە“ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ كەلىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ”ئاللاھنىڭ خالىغىنى“، ”(ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن) ياخشى بولدى“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەبىر ”ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، خالىمىغىنى بولمايدۇ“ دېگەن جۈملىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر. مۇسۇلمانلار ئادەتتە بۇ سۆزنى ”ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ“ دېگەن مەنىدە قوللىنىپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مەلۇم بىر ياخشىلىققا ياكى نېمەتكە مۇشەررەپ بولغاندا گۈزەل تىلىكى ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېيتىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە: ”سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ’ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ‘ دېسەڭچۇ!“دەپ زىكرى قىلىنغان{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 39-ئايەت}.

يەنە >>سۈرەتلەر