باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

مائازاللاھ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   
مائازاللاھ: خۇدا پاناھ بەرسۇن، خۇدا ساقلىسۇن، ئاللاھقا سىغىنىپ…پاناھ تىلەيمەن دېگەن مەنىدە كېلىپ، بېشىمىزغا كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك پالاكەتكە، ئوڭۇشسىزلىققا قارشى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيدىغىنىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر دۇئا جۈملىسىدۇر. بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە ئىككى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. «تەپسىر ئىبنى كەسىر»دە سۈرە«يۈسۈف»نىڭ 23-ئايىتى شەرھلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنغان: يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە زۇلەيخا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجايىپ كېلىشكەن، گۈزەل چىرايىغا ئاشىق بولۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئاشىقلىق زۇلەيخانى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا چىرايلىق ياسىنىشقا ئېلىپ باردى، زۇلەيخا ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە چاقىرىپ: ”بېرى كەل!“ دېدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى ۋە: ”خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى“يەنى سېنىڭ ئېرىڭ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ ماڭا ياخشىلىق قىلدى، مەن ئۇنىڭ ئايالىغا ئەسكىلىك قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرمايمەن. ”ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ“ دېدى. بۇ ھەقتە مەزكۇر ئايەت قۇرئان كەرىمدە مۇنداق زىكرى قىلىنغان: ”يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال(يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېلىپ: ’بېرى كەل!‘ دېدى. يۈسۈف: ’خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ‘ دېدى“{سۈرە«يۈسۈف»(12-سۈرە)، 23-ئايەت}.
يەنە >>سۈرەتلەر