باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

فى سەبىلىللاھ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

فى سەبىلىللاھ: ئاللاھ يولىدا دېگەن مەنىدە كەلگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنىڭ يولىنى ئەمەس، نەپسى خاھىش ۋە شەيتاننىڭ يولىنى تۇتقانلار قۇرئان كەرىمدە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار (سۈرە«ئەئراف»، 142-ئايەت)؛ گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار(سۈرە«ئەنئام»، 55-ئايەت)؛ گۇمراھلىق يولىنى تۇتقانلار دەپ سۈپەتلىنىدۇ: ”يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 146-ئايەت}؛ ”كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە(يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى(ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 115-ئايەت}.

يەنە >>سۈرەتلەر