باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ھېكمەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   
ھېكمەت: ئەقىل-پاراسەت، دانالىق، ئادالەت، ئىلىم-ئىدراك، ھەققە ئىنتىلىش، پەلسەپە قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ھېكمەتنىڭ مەنىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇ يەنە پەيغەمبەرلىككە، قۇرئانغا، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا ئىشارە قىلىنىدۇ. ھېكمەت ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە يەنە پەند-نەسىھەت، ئەقىل-ئىدراك، پايدىلىق ئىلىم دېگەن مەنىلەردىمۇ قوللىنىلغان. قۇرئان كەرىمدە ھېكمەت ئىگىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ”ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 269-ئايەت}. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: ”ئىلىم-ھېكمەت مۇئمىنلەر يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىدۇر، ئۇنى قەيەردە تېپىۋالسا شۇ يەردە ئېلىۋېلىشقا ھەقلىقتۇر“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). 
يەنە >>سۈرەتلەر