باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

پاسىق

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

پاسىق: ئاللاھنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە مۇخالىپ ئىش قىلىپ گۇناھقا چۆكۈپ كەتكەن ئاسىي، گۇناھكار مۇئمىن دېگەن مەنىدە. ئىسلام دىنىدا مۇئمىن مۇسۇلماننىڭ پاسىق ئادەمنى پىسقى-فۇجۇر قىلىشتىن توسۇشى تەلەپ قىلىنغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن(دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 10-ئايەت}. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن؛ ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا، سۆزى ئارقىلىق توسسۇن؛ بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، ئۇنىڭغا دىلىدا نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر