باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

رەھمان

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
رەھمان: ناھايىتى مېھرى-شەپقەتلىك، ناھايىتى مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان، رەھىمدىل دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان ”رەھمان“ كەلىمىسى ئاللاھ تائالانىڭ 99 گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھنىڭ ”رەھمان“(شەپقەتلىك) دېگەن سۈپىتى ئومۇملۇققا ئىگە بولۇپ، جىمى كائىناتقا قارىتىلىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنغان، جىمى كائىنات ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھەقىقىتىگە مۇشەررەپ بولغان. ئىنسان مەيلى قايسى مىللەت، ئىرق ياكى ئېتىقادتىن بولسۇن، بۇ دۇنيادا ھەممىسى ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ شەپقىتىگە ۋە نېمىتىگە ئېرىشىدۇ: ”مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)،156-ئايەت}.”يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان“{سۈرە «ھۇد»(11-سۈرە)، 6-ئايەت}. ”ئاللاھ(ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 12-ئايەت}. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇۋەپپەق بولۇشىنى خالايدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنى ھىدايەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ۋە ساماۋى كىتابلارنى نازىل قىلغان: ”ئۇلارغا كىتاب(يەنى قۇرئان)بەردۇق، ئۇنى(يەنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى)بىلىش ئاساسىدا بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 52-ئايەت}؛ ”(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق“{سۈرە«ئەنبىيا»(21-سۈرە)، 107-ئايەت}.(ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر