باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

رەھىم

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
رەھىم: ناھايىتى مېھرىبان، ناھايىتى مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان، رەھىمدىل دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان ”رەھىم“ كەلىمىسى ئاللاھ تائالانىڭ 99 گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. ”رەھىم“ كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 114 قېتىم زىكرى قىلىنغان. ئاللاھنىڭ ”رەھىم“(مېھرىبان) دېگەن سۈپىتى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ خاس ھالدا ئىمان ئېيتقانلارغا قارىتىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئاللاھ ”بۇ دۇنيادا شەپقەتلىك(رەھمان)، ئاخىرەتتە مېھرىبان(رەھىم)“ پەرۋەردىگاردۇر. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مول ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقىدا بولىدۇ: ”ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 56-ئايەت}. ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى ناھايىتى بۈيۈك، ناھايىتى مېھرى-شەپقەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان، بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمەت قىلىدۇ: ”ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}.(ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر