باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نامە-ئەمال دەپتىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
نامە-ئەمال دەپتىرى: بەندىلەرنىڭ ياخشى-يامان سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇ بەندىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە تەرىپىدىن يېزىلىپ تۇرىدىغان ۋە قىيامەت كۈنىسى ئۇ بەندە سوراق قىلىنغاندا ئېلىپ چىقىلىدىغان دەپتەر. بۇ ھەقتە قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن: ”ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، (ئىنساننىڭ سۆز-ھەرىكىتى خاتىرىلىنىۋاتقان) ۋاقىتتا، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ“{سۈرە«قاف»(50-سۈرە)، 1718-ئايەتلەر}. قۇرئاندا بەندىنىڭ دۇنيادا ئەتكەن ئەمەللىرى ئاخىرەتتە ئۇ بەندە سوراق قىلىنغاندا ئېلىپ چىقىلىدىغانلىلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنىپ: ”ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز(يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە-ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ. (ئۇنىڭغا) نامە-ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە(يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە دېيىلىدۇ“{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 1314-ئايەتلەر}. بەندە قىيامەت كۈنىسى نامە-ئەمال دەپتىرىدىن ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەن چوڭ-كىچىك بارلىق ھەق-باتىل، ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: ”كىشىلەرنىڭ نامە-ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: ۋاي بىزگە!، بۇ نامە-ئەمالغا چوڭ-كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە-ئەمالغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 49-ئايەت}. ئىنسانلارغا نامە-ئەمال دەپتىرى قىيامەت كۈنىسى جەننىتىيلەرگە ئوڭدىن سۇنۇلىدۇ؛ دەۋزىخىيلەرگە سولدىن ياكى ئارقىدىن بېرىلىدۇ. ئوڭدىن بېرىلگەنلەر قۇرئاندا ”ئەسھابۇل يەمىين“؛ سولدىن بېرىلگەنلەر ”ئەسھابۇل شىمال“ دەپ زىكرى قىلىنغان(«قۇرئان كەرىم»: سۈرە«ھاققە»(69-سۈرە)، 1925-ئايەتلەرگە قاراڭ). نامە-ئەمال دەپتىرىنىڭ ئوڭدىن بېرىلىشى جەننەتتىن بېشارەت، سولدىن بېرىلىشى دوزاخ ئازابىدىن ئىشارەتتۇر. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر