باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

فەقىھ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
فەقىھ: 1.فىقھىي ئالىم. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق بىلىدىغان، دىننىڭ ئەمەلىي ھۆكۈملىرىدە مۇتەخەسسىس بولغان ئالىم. فەقىھ سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى فۇقاھا دەپ ئاتىلىدۇ؛ 2.مۇجتەھىد. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن ھۆكۈملەر ئۈستىدە، شۇ مەسىلىگە ئوخشاپ كېلىدىغان، قۇرئان ۋە ھەدىسدە ئېنىق ھۆكۈم بېرىلگەن ئەھكاملارغا قىياس قىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرالايدىغان چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولغان، ئىجتىھات دەرىجىسىگە ئېرىشكەن ئالىم فەقىھ دېيىلىدۇ. ھەدىس شەرىفتە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىگە ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىنىي ئىلىمدە ئالىم قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ”شەيتانغا نىسبەتەن بىر فەقىھ (ئالىم) مىڭ ئابىدتىنمۇ(يەنى كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان بەندىدىنمۇ) بەكرەك قۇۋۋەتلىكتۇر“(ھەدىس شەرىف «ئېھيا ئۇلۇمىددىن»دا رىۋايەت قىلىنغان). ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئىلمى فىقھەدە فەقىھ ئۆلىمالارنىڭ پېشۋاسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى ئابىدىن: فەقىھلەرنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەدۇر، فىقھەنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر دېگەنىدى. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر