باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

فىدىيە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
فىدىيە: بىر ئىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش يولىدا بېرىلگەن بەدەل دېگەن مەنىدە. قېرىلىق يەتكەن ياكى كېسەل بولۇپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەمنىڭ تۇتمىغان روزىسى، ئۆلۈم گىردابىغا يېقىنلاشقان ئادەمنىڭ ئۆتەلمىگەن نامىزى، ۋاپات بولغان ئادەمنىڭ ناماز ۋە روزا قەرزى ياكى ھەج-تاۋاپ پائالىيەتلىرىدە ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ئاغرىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئېھراملىقتا چەكلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ قويغان كىشىنىڭ بېرىشى ۋاجب بولغان بەدەل(كاپارات) قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى(قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تۇيغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن(ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 184-ئايەت}.(ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر