باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

پەتىۋا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
پەتىۋا: ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىتا مۇفتى تەرىپىدىن بېرىلگەن جاۋاب پەتىۋا دېيىلىدۇ. پەتىۋا بېرەلىگەن ئۆلىما مۇفتى دەپ ئاتىلىدۇ، مۇفتىنىڭ مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يېتىشى(يەنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئۆلىما بولىشى) تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ مەرتىۋىگە يېتەلمىگەن كىشى مۇفتى دەپ ناملانماي، پەتىۋانى نەقىل كەلتۈرگۈچى ئېتىبارىدا قارىلىدۇ، ئۇلار پەتىۋالارنى مەشھۇر فىقھىي كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرىدۇ، مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىدىن پايدىلىنىدۇ. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر