باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئاللاھھۇممە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-18   
ئاللاھھۇممە: ”ئى ئاللاھ!“، ”ئى پەرۋەردىگارىم!“، ”ئى رەببىم!“ دېگەن مەنىدە كەلگەن بۇ سۆزنى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغاندا قوللىنىدۇ. ”ئاللاھۇممە“ سۆزى قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 5 ئايەتتە زىكرى قىلىنغان. قۇرئاندا ئاللاھھۇممە سۆزىدىن كېيىن دۇئا ۋە ياكى ئاللاھقا بولغان ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيىلەر تىلغا ئېلىنغان: ”ئېيتقىنكى، پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق(نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 26-ئايەت}.(ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر