باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئامىن

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-18   
ئامىن: يالغۇز ئاللاھ تائالانىڭ دۇئانى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ”ئى ئاللاھ! دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغىن“ دەپ ئىلتىجا قىلىنىدىغان سۆز. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئادىن كېيىن ئامىن دېيىشنى بۇيرۇغان. نامازدا «فاتىھە» سۈرىسىدىن كېيىن تۆۋەن ئاۋازدا ئامىن دېيىش سۈننەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىمام ئامىن دېگەندە، سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار، كىمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشى بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر