باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بەدەۋى(ئەئرابى)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-18   
بەدەۋى(ئەئرابى): سەھرادا، چۆلدە كۆچمەن بولۇپ ياشايدىغان كىشىلەر دېگەن مەنىدە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدا ياشايدىغان مۇزەينە، جۇھەينە، ئەسلەم ۋە ئەشجا قەبىلىلىرى بەدەۋىلەر ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە سۈلھىسىنى ئىمزالىغان يىلى، يەنى ئۆمرە ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمەگە بارماقچى بولغان يىلىدا، مەككە قۇرەيشلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىمالىغا قارشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە مەككىگە بېرىشلىرىنى ئىستىگەنىدى، ئەمما ئۇلار ئەندىشە قىلىپ، بۇ شەرەپلىك دەۋەتكە ئۆزرە سورىدى، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار توغرىلىق مۇنداق دېدى: ”(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىلار ساڭا: بىز ماللىرىمىز، بالىچاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ(سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس(يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس(يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر “{سۈرە«فەتىھ»(48-سۈرە)، 11-ئايەت}. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر