باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بالا-قازا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-18   
بالا-قازا: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە بەرگەن ئاپەت، مۇسىبەت ۋە قايغۇ دېگەن مەنىدە. ھەدىس قۇددۇسىيدا مۇنداق دېيىلگەن: ”بەندەمگە بەندەمنى بىر مۇسىبەت بىلەن سىنىغان ۋاقتىمدا سەۋر قىلغان ۋە يوقلاپ كەلگەنلەرگە مەن ئۈستىدە شىكايەت قىلمىغان كىشىگە، ئۆزىنىڭ تېنىدىن ئوبدان تەن، قېنىدىن ئوبدان قاننى ئاتا قىلىمەن، ئۆز ھالىغا قايتىپ ياخشىلانغاندا گۇناھسىز ھالەتتە ئەسلىگە قايتار، ئۆلگەندە رەھمەت-شەپقىتىم بىلەن يەنە جەننىتىمگە ھۇزۇر بىلەن قايتار“(مۇۋەتتادا رىۋايەت قىلىنغان). مۇسۇلمان بەندىگە مۇسىبەت يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشى لازىم، ئاللاھ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىكنى ئۈمىد قىلغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېغىرچىلىققا يولۇققاندا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ”ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇلۇغ، ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ“(بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، ۋە لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىييىل ئەزىم). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قىيىن ئەھۋالدا قالغان چېغىڭدا بۇنى ئوقۇغىن، ئاللاھ سېنىڭدىن خالىغان تۈرلۈك بالالارنى يىراق قىلىدۇ: ’لا ئىلاھە ئىللا ئەنتە سۇبھانەكە ئىننى كۇنتۇ مىنەز زالىمىينە‘(تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىم سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم“). (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر