باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئابىد

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-30   
ئابىد: تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان، پەرز ۋە ۋاجىب ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەر تۈرلۈك نەپلە ناماز، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەمرى-نەھيىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ساۋابلىق ئەمەللەرنى داۋاملىق قىلىپ تۇرىدىغان مۇئمىن مۇسۇلمان بەندە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار(يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۇئمىنلەرگە(جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 112-ئايەت}. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر