باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئاد

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-30   
ئاد: ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، يەمەن تەرەپلەردە، قۇملۇق-سەھرالىقتا ياشىغان، ئۆز ۋاقتىدا كاتتا بىنا ۋە سارايلارنى بىنا قىلغان. ئۇلار ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئادنىڭ(قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق، ئۇ(يەنى بوران) ھەرقانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك(تىتما-تالاڭ) قىلىۋېتەتتى“{سۈرە«زارىيات»(51-سۈرە)، 4142-ئايەتلەر. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر