باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بابۇس سالام

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-30   
بابۇس سالام: مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەرەم مەسچىتىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دەرۋازىنىڭ ئىسمى، ئۇ يەنە بابۇس شەيبە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 35 يېشىدا، مەككە مۇكەررەمەدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ بەيتۇللاھنى سەل بېسىپ كەتكەن، ھەم ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋەتكەنىدى، شۇنىڭ بىلەن مەككە قەبىلىلىرى ئۇنى قايتىدىن رىمۇنت قىلغان، ھەجەرۇل ئەسۋەد(قارا تاش)نى كەئبىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە مەككە قەبىلىلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان، ئاخىرىدا بابۇس شەيبەدىن ئەڭ ئاۋۋال كىرگەن كىشىنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى كەئبىگە قويۇشقا ھەكەم بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ماقۇللاشقان، بۇ چاغدا ئۇلار بۇ دەرۋازىدىن تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمىگە قوشۇلۇپ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى كەئبىدىكى ئورنىغا قويغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دەرۋازىدىن كىرىپ، مەككە قەبىلىلىرىنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەد ئۈستىدە قىلىشىۋاتقان جىدەل-ماجىرالىرىغا خاتىمە بېرىپ، قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئارازىلىقنى ناھايىتى ئادىللىق بىلەن ھەل قىلغانلىقى، تىنچ-ئىناقلىقنى مەيدانغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ دەرۋازا بابۇس سالام دەپ ناملانغان. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر