باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بابۇر رەھمەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-30   
بابۇر رەھمەت: رەھمەت دەرۋازىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئىككى دەرۋازىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى، ئۇ بابۇل ئەتىقە ۋە بابۇس سۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر جۈمەنىڭ خۇتبىسىدا ۋەز سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتنىڭ غەرب تەرىپىدىكى دەرۋازىدىن كىرگەن بىر ساھابە: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇسسۇزلۇقتىن بالىچاقىلىرىمىز ۋە ھايۋانلىرىمىز پەرىشان بولدى، بىز ئۈچۈن جانابى ئاللاھقا دۇئا قىلغىن ۋە بىزگە يامغۇرنى ئېھسانى بىلەن ئاتا قىلسۇن“ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا-ئىلتىجا قىلىدۇ، بۇ ئەسنادا ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ، ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى بىلەن يامغۇر چۈشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر دەرۋازىغا بابۇر رەھمەت دەپ نام بېرىلىدۇ.
يەنە >>سۈرەتلەر