باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بەيئەتى رىزۋان

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-30   
بەيئەتى رىزۋان: ھۇدەيبىيەدە سەمۇرە دېگەن دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا تۆت يۈز ساھابى كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقى ئۈستىدە بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بەيئەتى رىزۋان دەپ ناملانغان. قۇرئان كەرىمدە بەيئەتى رىزۋان قىلغانلار ئۈستىدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ(سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى(يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا(ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە(يەنى خەيبەرنىڭ فەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۈرغۈن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر“{سۈرە«فەتىھ»(48-سۈرە)، 18-، 19-ئايەتلەر}.(ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)
يەنە >>سۈرەتلەر