باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بەيئەت قىلىش

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   

بەيئەت قىلىش: سۆز بەرمەك، ئەھدە بەرمەك، قول بەرمەك ۋە تەسلىم بولماق دېگەن مەنىدە. مۇئمىنلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى(جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نۇمۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلارغا بەيئەت قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر“{سۈرە«مۇمتەھىنە»(60-سۈرە)، 12-ئايەت}.

ئۇ يەنە خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ئادەمگە رازىلىق بىلدۈرۈپ قول بېرىش، ئۇنىڭ خەلىپىلىكىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز بېرىش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى بەنى سەقىفە دېگەن يەردە خەلىپىلىككە سايلانغاندا ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ، ئارقىدىن بارلىق مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن ئىسلام خەلىپىلىكىدىكى دۆلەتنىڭ ھاكىمدارىغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە سۆز بېرىش ئۈستىدە بەيئەت قىلىش، شۇنداقلا بەيئەت ئۈچۈن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)

يەنە >>سۈرەتلەر