باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئامانەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   

ئامانەت: ”ئەمىن، راستچىل، ئىشەنچىلىك“ دېگەن مەنىدە، پەيغەمبەرلەردە بولۇش زۆرۈر بولغان پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. پەيغەمبەرلەر ئەمىندۇر، ئۇلار بىر كىشىنىڭ مېلىغا ۋە جېنىغا خىيانەت قىلىشتىن ئەسلا يىراقتۇر، ئامانەتكە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ، پەيغەمبەرلەر پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق پەزىلەت بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنلا”مۇھەممەد ئەمىن“ دەپ شەرەپلىك نام بىلەن تونۇلغان، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي ئىلمى بىلەن پەيغەمبەرلەرنى خاتا ۋە گۇناھتىن ئەمىن ئەتكەن(ئىمام قەستالانى).

ئامانەت فىقھىي ئىلىمدا ئىشەنچىلىك كىشىگە ھاۋالە قىلىپ قويۇلغان مال دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:”ئۇلار(يەنى مۇئمىنلار) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر“{سۈرە «مۇئمىنۇن»(23-سۈرە)، 8-ئايەت}. ھەدىس شەرىفتە مۇناپىقنىڭ ئالامىتى تەرىپلەنگەندە مۇنداق بايان قىلىنغان:”مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ؛ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ؛ ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ“(مۇسلىم توپلىغان). ھەدىس شەرىفتە ئامانەتكە خىيانەت قىلغان ئادەم قىيامەت كۈنىسىدە سوراققا تارتىلىپ ”ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇر“ دېيىلىدىغانلىقى، ئامانەت ئىگىسىگە قايتۇرۇلغىچە خىيانەت قىلغۇچى جەھەننەمدە تۇرغۇزۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)

يەنە >>سۈرەتلەر