باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ئەجىر

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   

ئەجىر: ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەتتە قىلغان ئەمگىگىگە يارىشا بەدەل بېرىش دېگەن مەنىدە، ئىستېمالدا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قاراپ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا مال-مۈلۈك، ياخشى نام، پەرزەنت قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە يەنە ئېسىل مۇكاپات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دۇنيادا بېرىلىدىغان نېمەت ھەققىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 27-ئايەت}. ئاخىرەتتە ھەربىر بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ھەققىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:”سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار(يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 185-ئايەت}. ئەجىر يەنە كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەمگەككە قاراپ بىر-بىرىگە بېرىشىدىغان بەدەل ھەققىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ”ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار“ {سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 6-ئايەت}. قۇرئاندا يەنە ئاياللارغا بېرىلىدىغان مەھرىنى ئەجىر دېگەن سۆز بىلەن دالالەت قىلغان:”ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى ھالال قىلدۇق“ {سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 50-ئايەت}.

ئەجىر سۆزى فەقىھلەرنىڭ نەزەرىدە قىلىنغان ئەمەل-ئەمگەككە قارىتا بېرىلگەن بەدەلدىن ئىبارەت، مەيلى بۇ بەدەل كىشىلەردىن كەلگەن بولسۇن ياكى ئاللاھتىن ئىنئام قىلىنغان بولسۇن، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ئەجرى(مۇكاپاتى ياكى ساۋابى) زور نېمەتتىن ئىبارەت بولغاچقا، دۇنياۋىي مەشغۇلاتتىن ئېرىشىلىدىغان ئەجىر ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.( ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان ) 

يەنە >>سۈرەتلەر