باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

بەرىكەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   

بەرىكەت: خەيرىلىك، ياخشىلىق، موللۇق دېگەن مەنىدە، بەرىكەت تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، ئۇلار:

1. ئاللاھ تائالانىڭ زور نېمەت ئاتا قىلىشى. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ”بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا كۆچۈردۇق“{سۈرە«ئەنبىيا» (21-سۈرە)، 71-ئايەت}. ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئايال كىشى رەسۇلۇللاھقا ھەدىيە يۈزىسىدە ھەسەل ئەۋەتكەنىكەن، رەسۇلۇللاھ ھەسەلنى قوبۇل قىلىپ، ھەسەل قۇتۇسىنى قايتۇرۇپتۇ، بۇ قۇتا يەنىلا ھەسەل بىلەن تولۇپ قايتىپتۇ، ئۇ ئايال كىشى بۇنى كۆرۈپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ سوۋغىتىمنى نېمىشقا قوبۇل قىلمىدىڭ، ئەجىبا مېنىڭ نېمە گۇناھىم باردۇ؟ دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ: ”سېنىڭ سوۋغۇتۇڭنى قوبۇل ئەتتىم، سەن كۆرگەن ھەسەل ئاللاھ تائالانىڭ سوۋغۇتۇڭغا بەرگەن بەرىكەتىدۇر“ دەيدۇ(ھەدىس شەرىف: مىرئەت كائىناتتە رىۋايەت قىلىنغان).

2.خەيرىلىك. شەيتان ھەر ئىشتا بەندىنى ئازدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن تىجارەتكە خىيانەت ئارىلاشسا سودىنىڭ بەرىكىتى توزايدۇ. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى-پەرمانى بويىچە سەئيى-ئەمەل بىلەن مەشغۇل بولۇپ، رىزىقنى ھالال كەسىپ بىلەن ئىزدىسە، ياخشى رىزىقنىڭ شاراپىتىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ رىزىق ئۇنىڭغا داۋاملىق بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ(سائادەتى ئەبەدىييە). پۇل-مال ئاز بولسىمۇ بەرىكەتلىكلا بولسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا مۇيەسسەر ۋە نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنىڭ قىلىنىشىغا ۋەسىلە بولالايدۇ. بەرىكەتسىز نۇرغۇن مال-دۇنيالار باركى، ئۇ مال ئىگىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پالاكەتكە دۇچار قىلىدۇ، ئۇنداقتا مالنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش ئەلۋەتتە تېخىمۇ ھەقلىقتۇر(ئىمام غەززالى). (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)

يەنە >>سۈرەتلەر