مىسىر تۇلۇن خانىدانلىقى(868−905-يىلىغىچە)دىن كېيىن فاتىمىيە سۇلالىسى (909−1171-يىلىغىچە، يەنى ھىجرىيە 295−566-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قۇرۇلدى، بۇ مىسىر ئىسلام تارىخىدىكى بىرقەدەر مەشھۇر خانىدانلىق بولۇپ، ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى سۇلالە نامى قىلغان، بۇ سۇلالە شىئە مەزھىپىگە ئەمەل قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە قارشى تۇراتتى.
فاتىمىيە سۇلالىسىدە تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن ئىككى چوڭ ئىش بولغان: بىرى، خانىدانلىقنىڭ پايتەختى تۇنىسنىڭ مەھدىيە شەھىرىدىن مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە يۆتكەلگەن؛ يەنە بىرى، 972-يىلى قاھىرەدە دۇنياغا داڭلىق ئەزھەر مەسچىتى سېلىنغان. فاتىمىيە سۇلالىسى مەسچىت، ئوردا ۋە ئاھالە ئۆيلىرىنىڭ مىمارچىلىق سەنئىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، مەسچىت ئىمارەتلىرىنى كۇفى خەت نۇسخىسى ۋە قاپارتما نەقىش سەنئىتى بىلەن بېزىگەن. شۇڭا، ئۇ ۋاقىتتىكى كۇفى خەت نۇسخىسى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، قەلىمى سىلىق ھەم راۋان، قۇرۇلمىسى تەكشى، زىننەتلىرى كۆركەم ” فاتىمىيە كۇفى خەت نۇسخىسى“شەكىللەنگەن، بۇ كۆركەم، پۇختا خەت نۇسخىسى خېلى ئۇزاق مەزگىل دەۋر سۈرۈپ، باشقا ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ”فاتىمىيە كۇفى خەت نۇسخىسى“تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، باشقا ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراتقان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)