فاتىمىيە سۇلالىسى، ئەيۇب سۇلالىسى (1171−1250-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، مەملۈك سۇلالىسى (1252−1517-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) كەينى-كەينىدىن ھالاك بولغاندىن كېيىن، قۇدرەتلىك ئوسمان ئىمپېرىيەسى تۈركىيەدە باش كۆتۈردى، بۇ ئىمپېرىيە 1299-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە 623 يىل ھۆكۈم سۈردى. ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرى ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئەرەبچە ھۆسنخەتلەر ھازىرمۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستانبۇل خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزىگە ئايلاندى. “قۇرئان كەرىم مەككە بىلەن مەدىنەدە نازىل بولغان، مىسىرلىقلار قۇرئان كەرىمنى ياخشى قىرائەت قىلىدۇ، ئىستانبۇللۇقلار قۇرئان كەرىمنى ياخشى كۆچۈرىدۇ” دېگەن گەپلەر ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ تارالغان. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانلىرىدىن مۇستاپاخانⅡ ، ئەھمەدخان Ⅱ، مۇھەممەدⅡ ، ئابدۇلمەجىد Ⅱقاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق خەتتاتلار ئىدى.
ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مەشھۇر قەدىمىي شەھىرى ئىستانبۇلدا قەدىمكى ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان دۆلەتلىك مۇزېي قۇرۇلغان؛ ئىستانبۇلدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت−سۇلتان ئەھمەد جامەسى (كۆك مەسچىت) نىڭ ئىچى ۋە سىرتى گۈزەل ھۆسنخەتلەر بىلەن بېزەلگەن؛ ھۆسنخەت، نەققاشلىق، زىننەتچىلىك (ھەل بېرىش، بوياقچىلىق) قاتارلىق سەنئەتلەردىن دەرس بېرىدىغان مەخسۇس مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ ئىمپېرىيەدە سۇلتاندىن تارتىپ ئاددىي پۇقراغىچە خەتتاتلىققا ھېرىسمەن بولۇپ، ھۆسنخەتتە كامالەتكە يېتىش شەرەپ ھېسابلىناتتى، ھەر خىل ھۆسنخەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى، خەتتاتلارغا بېرىلىدىغان تەقدىرنامىنىڭ شەكلى ۋە ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان مەزمۇنىمۇ بېكىتىلگەنىدى.
خەتتاتلىق مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە قوللىنىلىدۇ، مەسچىت، ئوردا، ئىشخانا، ئۆي، سۇ ئىچىدىغان ئورۇنلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرلىرىگە ھۆسنخەتلەر يېزىلىدۇ. چالغۇلار، سايمانلار، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس نەقىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ھەر خىل ھۆسنخەت نۇسخىلىرى ئويۇلىدۇ، ھەتتا قەبرە تاشلىرىغىمۇ سۇلۇس ياكى پارس خەت نۇسخىلىرىدا ھۆسنخەت يېزىلىدۇ، بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ خەتتاتلىرى قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى ئالتۇندىن ھەل بېرىش، نەپىس ئۆسۈملۈك نەقىشلىرىنى سىزىش ئارقىلىق ئايرىغان. بۇ دەۋردە ئەرەب خەتتاتلىقىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچە گۈل بولغان ”خەتتۇل تەغرائ“(مۆھۈر خەت) ئىجادىيەت سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ گۈلتاجىغا، سۇلتاننىڭ مەخسۇس مۆھۈرىگە ئايلانغان.
ئوسمان ئىمپېرىيەسى سۇلۇس، نەسخ، جەللى دىۋانى قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ”ئوسمان رۇقئى“ناملىق خەت نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)