باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەتتاتلىق قانداق ئىدى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ئابباس 749-يىلى بۇ سۇلالىنى قۇرۇپ، باغدادنى پايتەخت قىلغان، 1258-يىلى بۇ سۇلالە ھالاك بولغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى ئەرەب ئىمپېرىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن سۇلالە بولۇپ، قارا رەڭنى دۆلەت بەلگىسى قىلغان.

ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ پەن-مەدەنىيىتى ناھايىتى گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. تەبەرى ( 838−923- يىلىغىچە ياشىغان)، مەسئۇد (؟−957- يىلىغىچە ياشىغان)، ئىبنى ئەشئەرى قاتارلىق ئۈچ تارىخشۇناس تارىخ تەتقىقاتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تارىخ تەتقىقاتىدىكى قورال كىتابقا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېدىتسىنا، پەلسەپە، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، رەسساملىق، مىمارچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي، دىن تەرەققىياتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى ھەمدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ دەۋردىكى خەتتاتلىقتىمۇ رەڭگارەڭ گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، خەتتۇل تەۋقى (تەۋقى خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل ئىجازەت (ئىجازەت خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل مۇسەلسىل (مۇسەلسىل خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل رۇقئى (رۇقئى خەت نۇسخىسى) قاتارلىق خىلمۇخىل يېڭى خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ دەۋردە ئىبنى مۇغىلەي (885−939-يىلىغىچە ياشىغان)، ئىبنى بەۋاب ( 961−1023-يىلىغىچە ياشىغان) ۋە ياقۇت ( 1144−1221-ياشىغان) قاتارلىق ئەرەب تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۈچ خەتتات مەيدانغا كەلدى. ئالدىنقى ئىككى خەتتات سۇلۇس خەت نۇسخىسى بىلەن نەسخ خەت نۇسخىسىنى يېزىشنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىقتى، بۇ دەۋردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان يەتتە خىل خەت نۇسخىسى ئاساسەن مۇقىملاشتى.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر