باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئۇمەييە خانىدانلىقى دەۋرىدىكى خەتتاتلىق قانداق ئىدى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

ئۇمەييە خانىدانلىقى (661-يىلىدىن 749-يىلىغىچە، ھىجرىيە 40-يىلىدىن 130-يىلىغىچە) مۇئاۋىيە (661- يىلىدىن 680- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئېرۇسالىمدا ئۆزىنى ”خەلىپە“دەپ جاكارلىغاندىن باشلاپ قۇرۇلغان خانىدانلىق بولۇپ، كېيىن دەمەشىقنى پايتەخت قىلغان، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئاق رەڭنى خانلىقنىڭ بەلگىسى قىلغان.

ئۇمەييە خانىدانلىقى دەۋرىدە ئىككى مۇھىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان، بىرىنچىسى، ئەرەپ يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۈستىگە تاۋۇش بەلگىلىرى قويۇلغان؛ ئىككىنچىسى، چېكىتلىك ھەرپلەر يېزىقتا قوللىنىلغاندا چېكىت قوشۇلغان. ئەسلىدىكى ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ ھېچ قايسىسىدا تاۋۇش بەلگىلىرى بولمىغاچقا (مەسىلەن، زىر، زەۋەر، پەش، ساكىن، دىماغ تاۋۇش بەلگىسى دېگەندەك)، تەلەپپۇز قىلغاندا خاتالىقلار كۆرۈلەتتى، بەزى يەرلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق مەنىسىنىمۇ چۈشەندۈرگىلى بولماي، تىل-يېزىقنىڭ تارقىلىشى ۋە قوللىنىلىشىدا مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۇغۇلاتتى. بۇ چاغدا ئەبۇ ئەسۋەد دەھلى تۇنجى بولۇپ ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، مۇئمىنلەرنىڭ باشچىسى ئەلى ئەبۇ تالىپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغانىدى. 665-يىلى (ھىجرىيە 45-يىلى) ئەبۇ ئەسۋەد تۇنجى بولۇپ ھەرپلەرنىڭ ئۈستىگە ئاددىي تاۋۇش بەلگىلىرىنى قويدى. كېيىن خەلىل ئەبۇ ئەھمەد فاراسىد (651-يىلىدىن 689-يىلىغىچە ياشىغان) ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرىنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق بېكىتىپ چىقتى.

 ئەرەب يېزىقى چېكىتلىك ۋە چېكىتسىز دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى. ئەينى چاغدا ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىتى يوق بولغاچقا، ئوقۇماق تەس بولۇپ، بەزىدە ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان، ھەتتا خاتالىشىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ھەرپلەرنىڭ چېكىتىنى قوشۇشقا توغرا كەلدى. 702-يىلى (ھىجرىيە 80-يىلى) ناسىر بىن ئاسىم تۇنجى بولۇپ ھەرپلەرگە تېگىشلىك چېكىتلەرنى قويدى.

ئۇمەييە خانىدانلىقىنىڭ خەلىپىلىرى خەتتاتلىققا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئىلھام بېرىشى بىلەن، ئېرۇسالىمدىكى تاش مەسچىتنىڭ قۇببىسى، دەمەشىقتىكى ئۇمەييە مەسچىتى، خەير ئوردىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا خەتتاتلىق ۋە نەققاشلىق سەنئىتى كۆپلەپ قوللىنىلدى، خەتتاتلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆچۈرۈپ يېزىشى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە ۋلىد بىن ئابدۇمۇلك قاتارلىق كۆپلىگەن خەتتاتلار يېتىشىپ چىقتى. بۇ دەۋردىكى خەتتاتلار كۇفى، ھىجاز خەت نۇسخىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىپ، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، خەتتۇل جەلىل (جەلىل خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل تۇمار (تۇمار خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل سۇلۇس (سۇلۇس خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل سىلسىن (سىلسىن خەت نۇسخىسى) قاتارلىق تۆت خىل يېڭى خەت نۇسخىسىنى ئىجاد قىلدى.

 

  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر