باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى خەتتاتلىق قانداق ئىدى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

 

ھەقىقىي خەلىپە دەۋرى 632-يىلىدىن 661-يىلىغىچە (ھىجرىيە 10-يىلىدىن 40-يىلىغىچە) بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دەۋر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان خەلىپىلەر دەۋرى بولغاچقا، “تۆت خەلىپە دەۋرى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار: ئەبۇ بەكىر   (632-يىلىدىن 634-يىلىغىچە خەلىپە بولغان)، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (634-يىلىدىن 644-يىلىغىچە خەلىپە بولغان)، ئوسمان ئىبنى ئەففان (644-يىلىدىن 656-يىلىغىچە خەلىپە بولغان)، ھەزرىتى ئەلى (656-يىلىدىن 661-يىلىغىچە خەلىپە بولغان). بۇ مەزگىلدە ھىجاز خەت نۇسخىسى بىلەن كۇفى خەت نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ تېزلىكتە تارقىلىشى ۋە گۈللىنىشى بىلەن يەنە بىر نەچچە خىل خەت نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، مەدىنە رايونىدىكى “ئەلخەتتۇل مەدىنە” (مەدىنە خەت نۇسخىسى)؛ “ئەلخەتتۇل مەككىيە” (مەككە خەت نۇسخىسى)؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈك رايون شامدا بارلىققا كەلگەن “ئەلخەتتۇل شامىيە” (شام خەت نۇسخىسى)؛ مىسىردا بارلىققا كەلگەن “ئەلخەتتۇل مىسىرىيە” (مىسىر خەت نۇسخىسى)؛ بەسرەدە بارلىققا كەلگەن “ئەل خەتتۇل بەسرىيە” (بەسرە خەت نۇسخىسى)؛ ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن “ئەلخەتتۇل فارسىي” (پارس خەت نۇسخىسى) قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ھىجاز خەت نۇسخىسى بىلەن كۇفى خەت نۇسخىسى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان.

ھىجاز خەت نۇسخىسى ئاددىي، قولايلىق بولسىمۇ، بىرلىككە كەلگەن قائىدىسى بولمىغاچقا، خەتلەر تەكشى يېزىلمايتتى، قۇر ئارىلىقىغا ئۆلچەملىك تەلەپ قويۇلمىغاچقا، خەتلەر تېخىمۇ قالايمىقان، ئىرماش-چىرماش كۆرۈنەتتى. شۇڭا، ئەينى چاغدا بۇ خەت نۇسخىسى قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلمىگەن، پەقەت ئەمر-پەرمان، قانۇن-ھۆججەتلەرنى جاكارلاش، جەڭ غەنىيمەتلىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق كۈندىلىك كاتىبات ئىشلىرىدا قوللىنىلغان.

كۇفى خەت نۇسخىسى ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئىراقنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەھىرى كۇفەدە بارلىققا كېلىپ، كېيىن باشقا ئەرەب ئەللىرىگە تارقالغان. كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ئەگرى-تۈز سىزىقلىرى ئېنىق، قۇرۇلمىسى ئىخچام ۋە سالماق، مىزانى چىڭ، ھەرپلەرنىڭ زىچلىقى تەكشى بولۇپ، يېزىلىشى ھىجاز خەت نۇسخىسىغا باققاندا مۇكەممەلرەك، ھەرپلەر بىر-بىرىگە ئەپچىل ماسلاشتۇرۇلىدۇ، ھەرپلەر ئۆز نۇسخىسى بويىچە ئۆلچەملىك يېزىلىدۇ، ئورنىغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ، ئەمما قائىدىدىن چەتنىمەيدۇ، خەتلەر ئېنىق يېزىلىدۇ، چاسا ۋە يۇمىلاق شەكىل تەڭ قوللىنىلىدۇ، شەكلى تەبىئىي ھەم جانلىق. شۇڭا، كۇفى خەت نۇسخىسى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە كۆچۈرۈشكە قوللىنىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىپلىرى قۇرئان ۋەھيىلىرىنى خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىغا، قوي تېرىسىگە ياكى تۆگە، قويلارنىڭ تاغاق سۆڭىكىگە كۇفى خەت نۇسخىسى بىلەن خاتىرىلىگەن.

ئەينى چاغدا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى خاتىرىلىگەندە قوللىنىلغان كۇفى خەت نۇسخىسى مۇسھەف خەت نۇسخىسى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ ئاستى-ئۈستىگە بەلگە قويۇلمىغان.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر