باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىغان دەۋردىكى خەتتاتلىق قانداق ئىدى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىغان دەۋر 611-يىلى (ھىجرىيەدىن 11 يىل ئىلگىرى) دىن 632-يىلى (ھىجرىيەنىڭ 10-يىلى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى خەتتاتلىقنىڭ قوللىنىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. كىشىلەرنى ئىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان قۇرئان ئايەتلىرى مۇسۇلمانلارنى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىلھاملاندۇردى. قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىسىدا مۇنداق ئايەت بار: ”(ئى مۇھەممەد!) ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. سەن ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر“ {«ئەلەق» سۈرىسى،1−5-ئايەتلەر}. يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”نۇن (بۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). قەلەم بىلەن ۋە قەلەم تۇتقانلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى“{«قەلەم» سۈرىسى، 1-ئايەت}.

قۇرئان كەرىمدە ئىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلىنىدۇ:”ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ بۇنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ“{«زۇمەر» سۈرىسى، 9-ئايەت}؛ ”ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز“{«نىسا» سۈرىسى، 162-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىلىم ئېلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر؛ گۈزەل خەتلەر كىشىنىڭ ئەقلىنى روشەن قىلىدۇ دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلەم بىلەن خەت يېزىشنىڭ ۋە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەچچە ئون كاتىپى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئايەتلەرنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرىلىگەن، شۇنداقلا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىغا يوللايدىغان مەكتۇپلارنى يېزىشقا، كۈندىلىك سىياسىي ئىشلار ۋە جەڭ غەنىيمەتلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر تەسمىيەنى يازغان چېغىڭلاردا ’س‘ھەرپىنى ئېنىق يېزىڭلاردېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىپى مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفيان: قەلەم قۇتىسى تەييارلاپ، قەلەمنى قىيپاش تۇتۇپ (ئەرەبچە خەت يازغاندا قەلەمنىڭ يانتۇلۇقى 10-25 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولىدۇ)، ’ب‘ھەرپىنى ئۇزۇن يېزىپ’س‘دىن ئايرىۋېتىش كېرەك، ’م‘نىڭ بېشى پۈتەي بولۇپ قالسا بولمايدۇ،’ﷲ‘دېگەن مۇبارەك ئىسىمنى چىرايلىق يېزىش كېرەك،’الرحمن‘دېگەن سۆزنىڭ ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بەلگىسىنى قويۇش كېرەك؛ ’الرحيم‘دېگەن سۆزنى نەپىس يېزىش كېرەك دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ كاتىپلىرىغىچە خەتتاتلىققا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ مەزگىلدە ”ئەلخەتتۇل مەككىيە“(مەككە خەت نۇسخىسى)، ”خەتتۇل تەھرىرى“(ئەركىن خەت نۇسخىسى)، ”ئەلخەتتۇل كۇفى“(كۇفى خەت نۇسخىسى) قاتارلىق خەت نۇسخىلىرى كۆپ قوللىنىلغان.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

 

يەنە >>سۈرەتلەر