مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتىن ئاۋۋالقى، يەنى مىلادىيە 611-يىلدىن ئىلگىرىكى دەۋرنى تارىخچىلار جاھىلىيەت دەۋرى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ دەۋردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان بەدەۋىيلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشتا ياشايتتى، بىپايان چۆللۈك بەدەۋىيلەرنىڭ مەرت، كەڭ قورساق، ساددا، جەسۇر خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل مەبۇدلارغا چوقۇناتتى؛ قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەر خىل زىددىيەتلەر، جەڭگى-جېدەللەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، جەمئىيەتتە تۈرلۈك قەبىھ قىلمىشلار مەۋجۇت ئىدى. بۇ دەۋردە ھۆسنخەتلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، يەمەندىكى ھەمىر قەبىلىسدىكىلەر ”ئەلمۇسنەدۇلخەمرى“ دەيدىغان بىر خىل خەت نۇسخىسىدا خەت يازاتتى، ئۇلار ھىجاز رايونىنىڭ شىمالىدا ياشايتتى، بۇ يەر نەباتىيلار ياشىغان جاي بولغاچقا، ئۇ خەت نۇسخىسى ”خەتتى نەباتىيە“ (نەباتىيە خەت نۇسخىسى) دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نۇسخا كۇفە رايونىغا تارقىلىپ، كۇفى خەت نۇسخىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ چاغدىكى خەتتاتلىقنىڭ ئۆلچەم-قائىدىسى يوق ئىدى، ھەرپ-سىزىقچىلارمۇ ئاددىي بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ ئاستى-ئۈستىدە بەلگە قويۇلمىغاچقا، ئوقۇماق ناھايىتى تەس ئىدى.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)