تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، كىشىلەر تىل ئارقىلىق پىكرىنى ئىپادىلەيدۇ، ھېسسىيات ئالماشتۇرىدۇ، بىلىم تارقىتىدۇ، يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى تىلنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى، ئىنسانلار مەدەنىيىتى يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەندى ۋە ساقلىنىپ كەلدى. ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇرغاق، كۆپ قىسىم جايلىرى چۆللۈك بولۇپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان بەدەۋىلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بەدەۋىلەر نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسى قەبىلە، ئايماقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار ئىدى. ئەرەب تىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى سام تىللىرى سىستېمىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تارمىقىغا تەۋە.
ئەرەب ”عرب“(”قۇم خەلقى“دېگەن مەنىدە) سۆزى ئەڭ بۇرۇن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 853-يىلدىن ساقلىنىپ قالغان، ئاسسۇرىيە خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى شارما ناسىر Ⅲ(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 858-824) دەۋرىگە ئائىت مىخ يېزىق بىلەن يېزىلغان لاي پۈتۈكلەردىن بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرەيش لەھجىسى ئۆلچەملىك ئەرەب تىلىغا ئەڭ يېقىن ئىدى.
مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى ئۆلچەملىك ئەرەب تىلىنىڭ شەكىللىنىشى، مۇقىملىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك ئاھالىلەر ئەرەب تىلىنى بارا-بارا ئورتاق قوللنىدىغان تىل قىلدى. قۇرئان كەرىم ئۆلچەملىك ئەرەب تىلىنى ئەرەب تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇردى ھەمدە ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى، ئەرەب تىلى يېزىقچىلىقى، ئەرەب تىلى بالاغىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)