باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئىسلام سەنئىتى نېمىشقا ”تەسمىيە“ خەتتاتلىقىغا ۋە ئۇنى زىننەتلەشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-20   
”تەسمىيە“(بسم الله الرحمن الرحيم) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېگەن سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدە قىسقارتىلىپ ”بسملة “(بەسمەلە) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇنجى كۆرگەن چېغىدا ”ئى مۇھەممەد، سەن ھەممىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىدىغان، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن“ دېگەن، ئاندىن ” ’بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم‘نى ئوقۇغىن“ دېگەن، ئاندىن يەنە ”ئى مۇھەممەد! سەن ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ ساڭا رىزق بەرگۈچى ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇرغىن“ دېگەن.
ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ’بىسمىللاھ‘ دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ ئوقۇغان ھەربىر ھەرپ ئۈچۈن ئۇنىڭغا 4000 ساۋاب يېزىپ، 4000 خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى 4000 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ“.
مۇسۇلمانلار ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ بەرىكەت بېرىشىنى تىلىگەچكە، ”بەسمەلە“ گە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنى ئوقۇپلا قالماي، يەنە ھۆسنىخەتچىلەپ يازىدۇ. مۇبارەك قۇرئان كەرىمدە(9-سۈرىدىن باشقا) بارلىق سۈرىلەر ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“ بىلەن باشلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ خەت-چەك، ماقالە، ئەسەرلىرىنىڭ بېشىنى ”بىسمىللاھىر رەھمانىرەھىم“دىن باشلايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي سورۇنلىرى ۋە ئائىلىلەردە ”تەسمىيە“ يېزىلىدۇ. دېمەك، ”تەسمىيە“ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرى، ھۈنەر-سەنئىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شۇڭا سەنئەتكارلار خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئارقىلىق ”بەسمەلە“نى زىننەتلىگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر