باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

قۇرئان كەرىمدىكى جەننەت تەسۋىرلىرى ئىسلام سەنئىتىگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-06   
مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپ بەختلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
﴿(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: ”بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن(دۇنيادىمۇ)رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق“ دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر(يەنى ھۈرلەر)بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ﴾{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 25-ئايەت}.
قۇرئان كەرىم جەمئىي 114سۈرىگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 كە يېقىن سۈرىدە جەننەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ. جەننەت تولىمۇ گۈزەل ماكان؛ ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلەر، خۇشپۇراقلىق ئېسىل شاراپلار بار؛
﴿ ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئىستىراھەت قىلىدۇ ﴾{سۈرە«رەھمان»(55-سۈرە)، 76-ئايەت}.
جەننەت تەڭداشسىز گۈزەل ماكان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۈنچە-مەرۋايىت بىلەن زىننەتلەنگەن تۆشەكلەر، ئالتۇن تاۋاق، ئالتۇن قەدەھلەر، ئاستىدىن ساپ سۈت، ھەسەل ياكى زۇمرەت سۇ ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر بار. مىمارلار تەسەۋۋۇر، پىلان جەھەتتىكى ھۈنەر كارامەتلىرىنى قوللىنىپ، قۇرئان كەرىمدىكى جەننەت تەسۋىرلىرىنى ئىسلام بىناكارلىقى سەنئىتىگە تەتبىقلاپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيتتى، سەنئەتكارلارنىڭ مىمارچىلىق، رەسساملىق، ئويمىچىلىق، ساپالچىلىق ھۈنەرلىرى ۋايىغا يېتىپ، چىرايلىق، ھەيۋەتلىك مەسچىتلەر قەد كۆتۈردى؛ ئىجادچانلىققا باي گۈزەل رەسىملەر، نەپس قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، كۆز قاماشتۇرغىدەك يېڭى، چىرايلىق ساپال ئەشيالار بارلىققا كەلدى.
قۇرئان كەرىمدىكى جەننەت تەسۋىرلىرى ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
﴿پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ-توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ”سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر(گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن)پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار“ دەيدۇ﴾{سۈرە«زۇمەر» (39-سۈرە)، 73-ئايەت}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر