باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

قۇرئان كەرىمدە شەيئىلەر قانداق تەسۋىرلىنىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-06   
 
قۇرئان كەرىمدە تەبىئەت ئاجايىپ جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ ئاللاھ ھەقىقەتەن داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (بۇ ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر؟ ئاللاھ سۈبھىنى قاراڭغۇدىن يېرىپ چىقارغان، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئارام ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇسىدا قارارلاشتۇرغان زاتتۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇ شۇ يامغۇر بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، يەنە يېشىل مايسىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى، ئۈزۈملۈك باغلارنى، بىر-بىرىگە بەزى جەھەتتىن ئوخشايدىغان ۋە بەزى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى، سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىگەن چاغدىكى يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىللەر بار ﴾ { ”ئەنئام“ سۈرىسى، 95−99-ئايەت}.
 بۇ ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن تەبىئەت مەنزىرىلىرىدىن بىز باھاردا يامغۇرنىڭ تۇپراقنى جانلاندۇرۇپ بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى بىخلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل ياپراقلارنى چىقىرىپ، كۈزدە مول مېۋە بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ تەبىئەت تەسۋىرلىرىدىكى ئالاھىدە كەيپىيات، شېئىرىي مەنىگە تويۇنغان بەدىئىي يۈكسەكلىك شەيئىلەردىكى چەكسىز ھاياتىي كۈچنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەرنى رەڭگارەڭ، ئاجايىپ گۈزەل دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى)، تاغلارنىڭ ئاقلىرى، قىزىللىرى، چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چارۋىلارنىمۇ رەڭگارەڭ قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ﴾ {”فاتىر“سۈرىسى، 27-، 28-ئايەت}.
﴿ دۇنيا ھاياتى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق زىننەتلەنگەن، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپ تۇرغان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا بالايىمىز يەتتى-دە، ئۇنى تۈنۈگۈن يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز ﴾ {”يۇنۇس“ سۈرىسى، 24-ئايەت}.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامالى بىلەن دۇنيادا ھەر خىل ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، مېھىر-شەپقىتىنى زېمىنغا كەڭ يايدى؛ يامغۇر سۈيى بىلەن زېمىندا رەڭگارەڭ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، چىرايلىق دۇنيانى شەكىللەندۈردى؛ كىشىلەردە گۈزەل خىياللارنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈمىد ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەيۋەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرى، ئۆركەشلەۋاتقان سۇلارنى كىشىلەرگە بىر پارچە سۈرەتتەك تەسۋىرلەپ بېرىدۇ:
﴿ ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر ئۆزىنىڭ ھالاكەت قورشاۋىدا قالغانلىقىغا كۆزى يېتىپ: »(ئى ئاللاھ!) ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزساڭ، بىز چوقۇم ساڭا شۈكۈر قىلاتتۇق« دەپ چىن كۆڭلى بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز ﴾ {”يۇنۇس“ سۈرىسى، 22-، 23-ئايەتلەر}.
بۇ ئايەتنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى گويا كۆپكۆك دېڭىزدا، ”تەرەپ-تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى“دا، شىددەتلىك قاينام ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىمىز، ئاسمان-پەلەك كۆتۈرۈلگەن دولقۇنلار، تاغدەك ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىز سۇلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، قەلبىمىز زىلزىلىگە كېلىدۇ، نەزەرىمىزنى يىراققا تاشلاپ ئويلىنىمىز. سەنئەتكارلار بۇنىڭدىن مول تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادىي ئىلھامغا ئېرىشىدۇ. كىشىلەر ”شامال يۆنىلىشىگە قاراپ كېمە ھەيدەش“ ئىلھامىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ.
كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئاي-يۇلتۇزلارنىڭمۇ ئۆز قانۇنىيىتى بار. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق ۋە ئۇ باغلاردا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق. ھالبۇكى، بۇ مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟ ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ بارلىق شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپى بار. ئۇلارغا كېچىمۇ بىر دەلىلكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋەتسەك، ئۇلار شۇ ھامان قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ. كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. بىز ئاي ئۈچۈن ئايلىنىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ ئاخىردا خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش ئىنچىكە بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئورنىنى بېسىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى) توشقۇزۇلغان كېمىگە چۈشۈرۈشىمىز ئۇلارغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزىدۇر. بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق. ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزغۇچىمۇ بولمايدۇ. پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ھاياتتىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ ﴾ {”ياسىن“سۈرىسى، 34—44-ئايەت}.
مەيىن شاماللار سىپاپ ئۆتىدۇ، ئاي كۆكتە ئېسىلىپ تۇرىدۇ، يۇلتۇزلار جىلۋە قىلىدۇ، قۇياش كىشىلەرگە نۇر ۋە ئىسسىقلىق بېرىدۇ، ئاي قاراڭغۇلۇقتا كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ، يۇلتۇزلار يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا بەلگە بولىدۇ.
﴿ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يورۇتقۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى خۇددى تەكچىگە قويۇلغان چىراغقا ئوخشايدۇ، چىراغ شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شېشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر. چىراغ مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلغانكى، ئۇ زەيتۇن دەرىخى شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس، يېغى سۈزۈكلۈكىدىن ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ (ھىدايەت) نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مانا مۇشۇنداق مىساللارنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر ﴾ {”نۇر“سۈرىسى، 35-ئايەت}.
سەنئەتكارلار قۇرئان كەرىمدىن ئىلھاملىنىپ، نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشتى.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر