باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم-پەن

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-11   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئۇلۇغ، مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز ئەقىل پاراسەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولغاچقا، ئۇ ئىنسانلارنى ئىلىم ئىگىلەشكە، ئىلىمنى قەدىرلەشكە، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ. ئىسلام دىنى چاقىرغان ئىلىم پەقەت دىني بىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى بىلىمسىزلىكنى يوقىتىدىغان، ئەقىلنى ئۆستۈرىدىغان، ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدىغان، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزى ياراتقان دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ياراتتى. مەزكۇر بىلىملەرنى بىلمەي تۇرۇپ، دۇنيانىڭ سىرىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىيات تارىخىنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىز ھەم ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم. شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، بەزى نادان ئادەملەرنىڭ ”دىن بىلەن پەن بىر-بىرىگە قارشى“ دېگەن بىرتەرەپلىمە كۆزقاراشلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە ئەڭ ئالدىدا چۈشكەن ئايەت:”ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى، ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى“{سۈرە «ئەلەق» (96-سۈرە)، 1-5-ئايەتلەر}؛ ئىككىنچى بولۇپ چۈشكىنى” قەلەم ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى...“ دېگەن ئايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەسەم قىلغان. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار شۇ ئايەتنىڭ روھى بويىچە قالاقلىقتىن ئۆزگىرىپ، دىني ئىلىمگە ۋە دۇنيا ئىلمىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ دىن بىلەن پەن بىر گەۋدىلەشكەن بىر خىل ساپ مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ چاغلاردا تېخى باشقا مىللەتلەر دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنى ئەيىبلەپ ئۆلتۈرۈۋاتقان ئىدى. كىمكى بىرەر خىل يېڭى كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى بىرەر يېڭى نەرسىنى كەشىپ قىلسا ئۇنى قوبۇل قىلماقتا يوق، شۇنداق نەرسىنى كەشىپ قىلغىنى ئۈچۈن جازاغا تارتىلاتتى. لېكىن ئىسلام دىنىمىز بۇ خىل يېڭى ئىجادىيەت، يېڭى كەشپىياتلارنى قوللايدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىدا دىن دېمەك پەن دېمەكتۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ ئىلمى مەدەنىيەت ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى كىتابلىرى، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار تۈزگەن ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، ئالگېبرا قاتارلىق كىتابلار ھازىرغا قەدەر ئىلمىي قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. دېمەك ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئىلىم-پەن مانا مۇشۇنداق يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر زىتلىق بار دېيىلسە، ئۇ ئىلمىي نەزەرىيىدىكى خاتالىق ياكى بىزنىڭ قۇرئاننى توغرا چۈشەنمەسلىكىمىزدە. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 8-، 9-، 10-، 11- ئەسىرلەردە ئىلىم-پەن ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى ھەمدە ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش قىيىن ئەمەس. مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ 750ئايىتىدە (قۇرئاننىڭ تەخمىنەن سەككىزدىن بىرىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئۇنى تونۇشى ھەمدە ئەقىل-پاراسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلىم-پەن ساھەلىرىنى جەمئىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى قىلىشى تەرغىپ قىلىنغان. شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويۇش لازىمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز سۆزىدە مۇنداق دېگەن: ”ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر“. بۇ شەرەپلىك نام دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرگە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئالىملارغا مەنسۇپ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى چۈشىنىدىغان ئالىيجاناب كىشىلەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز مۇسۇلمانلارغا مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر“. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ، يىراق جۇڭگوغا سەپەر قىلىشتىنمۇ يانماسلىقىنى تەرغىپ قىلغان.

«قۇرئان كەرىم»دە دىنىي ئىلىم بىلەن پەننىي ئىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئادەملەرنىڭ ئەۋزەللىكى تەكىتلەنگەن مۇنداق بىر ئايەت بار:

ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام)ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ.

−سۈرە «زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت

مانا بۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىلمىي ئاڭدۇر. بۇ ئايەتتە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بىلىمسىز كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى تەرغىپ قىلىنغان. «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى— ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن سىرت، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلەپ خەلق ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز لازىمكى، ئىلىم-پەندە ئاسان يول يوق. ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»دە ”تەپەككۇر“ تەكىتلەنگەنگە ئوخشاش، ”تەسخىر“(تىزگىنلەش) سۆزىمۇ تەكىتلىنىدۇ. يەنى پەن بىلىملىرى ئارقىلىق تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ تەبىئەتنى تونۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن(يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن) ۋە (ئاللاھقا) شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن(قۇدرىتى ئىلاھىينى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)(روشەن) دەلىللەر بار.

‐سۈرە«جاسىيە»(45-سۈرە)، 12-13-ئايەتلەر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنى بىزگە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:

تۆمۈرنى داۋۇتقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق، (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق)’مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن‘ دېدۇق....سۇلايمانغا شامالنى(بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس(چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق.

−سۈرە«سەبەئ»(34-سۈرە)، 10-،12-ئايەتلەر

مانا بۇ ئايەتلەردىن داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئېغىر سانائەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار ئارقىلىق شەھەر، كوچا، ئوردا ۋە سۇ ئامبار قۇرۇلۇشلىرىنى ياساشقا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى داۋۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى پىششىق بىلەتتى. بىز ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تۆمۈر پارچىسى ۋە ئېرىتىلگەن مىستىن مۇداپىئە ئىستىھكامى ياسىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. ھەممە مۇسۇلمانلارغا ئايان بولغان مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى ئىشلار ھەققىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئۈلگىلەردىن ئىبارەت. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز.

‐سۈرە«ھەشر»(59-سۈرە)، 21-ئايەت

بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىسلام تەرەققىياتىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. «قۇرئان كەرىم»دىكى نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنىڭ سىرى ئېچىلىپ، فىزىكا، خىمىيە ۋە باشقا پەن تېخنىكا بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»دىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان، پەن-تېخنىكىنى قوللايدىغان دىن ئىكەنلىكى، جۈملىدىن «قۇرئان كەرىم» تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي يىلتىزى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بەندىنىڭ سۆزى ئەمەس بەلكى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىدە شەك يوق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى بىلىملىك كىشىلەر قۇرئانغا قىزىقىپ، ئۇنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە توغرا يول تېپىۋاتسا، ئەپسۇسكى، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىپ، قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىز باشقا مىللەتلەردىن پەن-مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالدۇق. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەم مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئاز دەپ، يەنە بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇلارنىڭ قاتمال ئېڭىغا ئۆرپ-ئادەت تۈسىنى ئالغان ئىبادەت دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بىر خىل قالاق ئىدىيە ۋە خاتا كۆزقاراش سىڭىپ كەتكەن. ئۇ بولسىمۇ خۇراپاتلىق.

بۈگۈن بىز يۇقىرى پەن-تېخنىكا دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئىنسانلار بۇ خىل ئالىي يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇزۇن مۇساپىلەرنى قىسقارتماقتا. ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بولماقتا. ئۆزلىرىدىن نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلماقتا. مانا مۇشۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەقىل ئىشلىتىپ، ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يىغىپ ئېيتقاندا، پەن-تېخنىكا ئىسلام دىنىدىن، ئىسلام دىنى پەن-تېخنىكىدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىشىمىز، ئىلىم-پەن ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلىشىمىز، قەدىرلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىلىرىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرۈدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

−سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)،11-ئايەت

دېمەك، ئالىملار ئىلىم-مەرىپەت بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئالىي دەرىجىگە ۋە ئۇلۇغ ئورۇنغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئالىملار ئىمان ئارقىلىق ئاللاھقا چىن دىلىدىن ئىمان كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. دېمەك، ئىلىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىمان ھەرقانچە ئېغىر سىناقلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن ئەڭ قاتتىق قورقىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.

‐سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 28-ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمىكى ئىلىم ئىزدەش يولىغا كىرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ“ (مۇسلىم توپلىغان). مانا بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش يولىدا چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرىنى، ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەھەر-يېزا قىشلاقلاردا تارتقان خاپىلىقلىرىنى ئىلىم-پەن ئۆگەنگۈچىنىڭ جەننەتكە ماڭىدىغان يولىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلدى. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىمنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قەدىرلەپ بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن خەت ساۋاتى بار ئەسىرلەرنىڭ ھەربىرسىنىڭ 10 مۇسۇلمان پەرزەنتىگە ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇپ، تۆلەم تۆلىمەي قايتىپ كېتىشىنى بۇيرۇغان. شۇنداق قىلغانلارنى ھېچ نەرسە ئالماي قويۇپ بەرگەن. مۇشۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئىسلام دىنى ئىلىم-پەنگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ئىلىم-پەنگە چاقىرىدىغان پاك دىندۇر.

ئىسلام دىنى ۋە بىلىمسىزلىك: بىلىمسىزلىك ئىلىم-پەنگە زىت بولۇپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان خارلىق، رەزىللىك كېلىپ چىقىدۇ. بىلىمسىزلىك ئىختىيارىي كەمچىلىك بولۇپ، ھەرگىز يارىتىلىشتىكى كەمچىلىك ئەمەس. بىلىمسىزلىكتىن بىلىمنى ھۆرمەتلىمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بىلىم ھۆرمەتلەنمىسە بىلىم ئەھلىلىرى ھۆرمەتلەنمەيدۇ. بىلىم ئەھلىلىرى ھۆرمەتلەنمىگەن مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنمىكى مۇقەررەر. بىلىم دېگەن يالغۇز دىنىي بىلىم بولۇپ قالماستىن پەننىي بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي بىلىمنىلا بىلىپ پەننىي بىلىملەرنى بىلمەسلىك خۇددى تۇزسىز تائامغا ئوخشايدۇ. چۈنكى قانداق بىر مىللەت ياكى دۆلەت بولمىسۇن، ئۇنىڭدا پەن-تېخنىكا بولمايدىكەن، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇكەممەل بولمايدۇ. شۇنداقلا، پەن بىلىملىرىنى بىلمىگەندە ئىسلامىيەتمۇ تەرەققىي قىلالمايدۇ.

بىلىم بەزى ئىنسانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور شان-شەرەپ، نام-ئابروي، كۈچ قۇدرەت ئاتا قىلسا، بەزى ئىنسانلارنى ھايۋان ھەتتا ئالۋاستىدىنمۇ ۋەھشىي بىر مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. گەپ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىكىدە ئەمەس بەلكى بىلىمىنى قايسى مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىدە. بەزىلەر ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بۇ بىلىمنى ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەي، ئەكسىچە ئىنسانىيەت ھاياتىغا تەھدىت سېلىش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى خانىۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: دۇنيادىكى ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەن ئاجىز دۆلەتلەرنى يۈتۇۋېلىشقا ئورۇنۇشى ۋە ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر قىسىم تېررورچىلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر خەلققە ھۇجۇم قىلىپ، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان بىلىمنى توغرا يولغا ئىشلەتمىگەنلىك ھەم بىلىملىك تۇرۇپ، بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىك بولۇپ، مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىلىمسىزلىك. چۈنكى ئاللاھ بىلىمنى ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياراتقان، ھەرگىز ئاجىز خەلققە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن ياراتمىغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم بىلىمسىز كىشىلەردە قارغۇلارچە ئەگىشىش، بىدئەت، خۇراپاتلىقنى قانات ئاستىغا ئېلىش، بىدئەت ۋە خۇراپاتلىققا چۆمۈپ، ئۆزىنى دىندار دەپ پەردازلاپ، خۇراپاتلىق مەيدانىدا تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى خۇنۈك كۆرسىتىپ، ئىلىم-پەنگە قارشى چىقىشتەك پاجىئەلىك ئىللەتلەر مەۋجۇت. مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شاھىد ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر داموللامدەك ئالىم شۇ زاماندا يېڭىلىققا قارشى بىدئەتچىلەر تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەر شۇ زاماندىكى كىشىلەردە ئازراق توغرا بىلىم بولغان بولسا، ئۇلار نېمىنىڭ ھەقىقىي بىلىم، نېمىنىڭ بىدئەت، خۇراپاتلىق ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە قاۋاقخانىلاردا غەرق مەست بولۇپ، قىمارخانىلاردا قونۇپ،ئاران تاپقان ئىقتىسادىنى بىھۇدە جايلارغا ئىسراپ قىلغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىلىرىمىزدە ئازراق بىلىم بولغان بولسا، ئۇلار ئاللاھ بەرگەن مۇشۇ قىممەتلىك ھاياتنى ئىقتىساد ئىسراپچىلىقى ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بىلەن ئۆتكۈزمەي ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ئازراقمۇ بولسا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ۋە ھاياتىنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولاتتى.

ئەپسۇسكى، بۇ سۈپەتتىكى كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى يېيىش، ئىچىش ۋە ئويناش دەپلا قاراپ، بۇ خىل سۈپەتنىڭ ھايۋانغا خاس سۈپەت ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ يېيىشى، ئىچىشى بولسا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىدە ياراتقان ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىگە پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمىگەن. ئۇلار جەمئىيەتكە پايدا يەتكۈزمەكتە يوق، ھەتتا ئۆزىگىمۇ پايدا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىدى. ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى؟ ئاللاھ تائالا ھايۋانلارنى ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئىنسانلار بولسا ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ سۈپەتتىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ھايۋانچىلىكمۇ قىممىتى يوق. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار زېمىنغا ئارتۇقچە يۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇددى ئاللاھ قۇرئاندا ئېيتقاندەك:

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى(ھەقنى ئاڭلىماي گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي)گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى-ياماننى پەرق ئەتمەي)ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.

−سۈرە«ئەنفال»(8-سۈرە)، 22-ئايەت

ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغىلا ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر.

‐سۈرە«فۇرقان»(25-سۈرە)، 44-ئايەت

يۇقىرىقى ئايەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى بىلىمسىزلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىمسىز قېلىشىغا ھەرگىز رازى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمىزدىكى ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمىزنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەي، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئىلىم-بىلىم ئۈچۈن تىرىشىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزدىكى بىلىمسىزلىكنى يوقۇتۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

جانابى ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەيدىغان پەزىلەتلىك مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي− ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر