بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىلىم ئالەمنىڭ چىرىغى، ئىنسان قاراڭغۇلۇقتا چىراغقا موھتاج بولغاندەك، ئىنسان توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن ئىلىمگە موھتاج بولىدۇ. ئىلىم ئىنساننىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، ئىنسانغا قارا بىلەن ئاقنى، ھارام بىلەن ھالالنى، توغرا بىلەن خاتانى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تونۇتىدۇ. ئىنساننى غاپىللىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالەمنى، تەبىئەتنى چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق، بۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەككى، دۇنيادا ئىلىم-پەن ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز مىللەت ھېچقاچان بەخت-سائادەت، پارلاق ئىستىقبال تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، مەدەنىيىتى تېخىمۇ راۋاج تاپمايدۇ. ئىنسان ئىلىم نۇرى بىلەن ئۆز يولىنى يورۇتمىسا نادانلىق كوچىسىدا قالىدۇ. ئىنسان قەلبىنىڭ نۇرى ئىلىم بىلەن قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئىنساننىڭ قەدرى ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ھەر قانداق نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن، جاھاندىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئادەملەرنىڭ قەدىر قىممىتىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، قىسقىسى، ھەر تەرەپلىمە مۇكەممەل ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر. ئىلىم پۈتمەس خەزىنە، كىمكى ئىلىم ئىگىلىسە تۈگىمەس بايلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۆشۈكتىن لەھەتكىچە ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار“ ، ”كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا ماڭسا ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ“. يۇقىرىقى ھەدىسلەر بىزگە ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆمۈر بويى ئىلىم تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىلىمنىڭ مۇھىملىقى چۈشەندۈرۈلگەن، ئالىملارغا ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىنغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:
بۇ دۇنيادا(دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ. ‐سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 72-ئايەت
بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت(ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ. −سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت
ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار.
‐ سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە) 11-ئايەت
مانا بۇ ئايەتلەردە ئىلىم ئۆگەنگەنلەر بىلەن ئۆگەنمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تارىختىن بېرى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن بولۇپ كەلدى؛ بىر مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، شۇ مىللەتنىڭ روناق تاپقان ياكى ئاجىزلاشقانلىقى، بىر رايوننىڭ راۋاج تاپقان ياكى ئارقىدا قالغانلىقى، بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن-بەرمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلدى. بىر مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيىتى راۋاج تاپسا، شۇ دۆلەت باي، قۇدرەتلىك بولالايدۇ، دۆلەت باي، قۇدرەتلىك بولغاندىلا خەلق كۆڭۈللۈك ياشاپ تىرىكچىلىك قىلالايدۇ. بىر مىللەت ئىلىمسىزلىكتىن داۋاملىق قالاق پېتى تۇرۇۋەرسە بۈگۈنكى دۇنياغا ماسلىشالماي، تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلۈپ، قۇمغا سىڭگەن سۇدەك تۈگەيدۇ. ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، ئىشلىتىپ ماڭغاندىلا زامانغا ماسلىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ.
ئىسلام دىنىمىز ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە، ئىلىمنى قەدىرلەشكە، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرىدۇ. يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، تىرىكچىلىك تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان. ئۇ ئەرەبىستاندا قەبىلىلەرنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۇرۇش-تالاش قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ھەممە يەرنى نادانلىق، قالاقلىق، ياۋايىلىق قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، باش قاتۇرۇپ خەلقنى قۇتقۇزۇش ئامالىنى ئىزدىگەن. ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ تاللىشىغا ئېرىشىپ، ئاللاھ تائالادىن نازىل بولغان ۋەھيىلەر يەنى «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق خەلقنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلقنى نادانلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز تەلىم-تەربىيىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنى بىلىم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.
ئىنسانلار ھازىر يېڭى ئەسىرگە ئاتلىنىپ، تەرەققىي تاپقانلار يەنە داۋاملىق ئالغا ئاتلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. تەرەققىي تاپمىغانلار تەرەققىي تاپقانلارنىڭ يېڭى خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەممە رىقابەت تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا بىلىم رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتى. يېڭى ئەسىر قانداق كىشىلەرنىڭ بولىدۇ؟ مېنىڭچە يېڭى ئەسىر بىلىم-تالانت ئىگىلىرىنىڭ، رىقابەت ئىگىلىرىنىڭ، تەتقىقاتچى ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ بولىدۇ. يېڭى ئەسىر قانداق كىشىلەرگە خىرىس قىلىدۇ؟ يېڭى ئەسىر ئالدى بىلەن نادان بىلىمسىزلەرگە، ھۇرۇنلارغا، ئىسراپخورلارغا، ئىشقىلىپ زامان بىلەن ماسلىشالمايدىغان بارلىق قالاقلىقلارغا خىرىس قىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ بېرىپ تەھسىل قىلىڭلار“، ”ئىلىم تەھسىل قىلىڭلار، چۈنكى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتۇر، ئۆگىنىش ئەمەلدۇر، مۇتالىئە قىلىش مەدھىيىدۇر، مۇنازىرە قىلىش كۈرەشمەكتۇر، كىشىلەرگە بىلمىگەننى ئۆگىتىپ قويۇش سەدىقىدۇر“ دېگەن. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار.
−سۈرە«ئەنبىيا»(21-سۈرە)، 7-ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سېنىڭ ئەتىگەن چىقىپ ئۆگەنگەن بىر بىلىمىڭ يۈز رەكئەت ناماز ئوقۇغىنىڭدىنمۇ ئارتۇق“. ”ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر“. مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئىسلام دىنى ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى شەيئىلەرنى كۆزىتىپ ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتىنى يوقاتماي، ئىككىلا ئالەمدە بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى پاسسىپ ئەمەس. ئىسلام دىنى ئىككىلا ئالەمگە ئېتىبار بېرىدۇ. ھەرگىز بۇ ئالەمنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:
ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ‐ «جۇمۇئە»(62-سۈرە)، 10-ئايەت
ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن. ‐ «قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت
مانا بۇ ئايەتلەردىن مەلۇمكى، بىز ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان ساغلام بەدەن ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىپ كۆپ ئىلىم ئىگىلەپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىشىمىز لازىم. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەر جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن ئۆتكەندە يايلاڭلار“دېگەن، ساھابىلەر: ”ئى رەسۇلۇللاھ جەننەتنىڭ باغچىلىرى نېمىلەر؟“ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ”ئۇ ئىلىم سورۇنلىرىدۇر “دېگەن. جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئالىم بىلەن ئابىدنى(ئىبادەت قىلغۇچىنى) تىرىلدۈرۈپ، ئابىدقا جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئالىمغا كىشىلەرنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلىگىنىڭدەك، كىشىلەرگە شاپائەت قىلغىن دەيدۇ“.
بىز ئەزەلدىن بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن، بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەن. شۇنداق بولغانلىقتىن بىزدىن مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائى قاتارلىق ئالىم-ئەدىبلىرىمىز چىققان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئوت يۈرەك، بىلىملىك شائىرلىرىمىز، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز بارلىققا كەلدى. مانا بۇلار خەلق مەنپەئەتىنى ئويلاپ، ھاردىم-تالدىم دېمەي، يېڭىلمەس ئىرادە بىلەن بىلىم ئۆگەنگەنلىكتىن، خەلققە ئۇنتۇلغۇسىز مەنىۋى بايلىق قالدۇرغانلىقتىن خەلقىمىز ئۇلارنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئەسلەپ ياد ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەقىل دېمەك بىلىم دېمەك، ئوقۇش دېمەك بىلىم دېمەك، ئوقۇغاندىلا ئاللاھ تائالانى تونۇغىلى ھەم ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ(يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
‐ «بەقەرە»(2-سۈرە)، 282-ئايەت
بىز ياشاۋاتقان بۇ يېڭى ئەسىر ئىلىم-پەن ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش دەۋرى، شۇڭا ئىلىم ئىگىلەشكە سەل قارىماسلىقىمىز، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ، زېرىكمەي ئۆگىنىپ، يېڭىلمەس ئىرادە، تەۋرەنمەس غايە، چىدامچان ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاي— ئامىن!