باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

مۇسۇلمانلارنىڭ فىزىكا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

تۇرسۇن توختى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

−سۈرە«ئەلەق»(96-سۈرە) 1-5-ئايەتلەر

بۇ ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل بولغان ۋەھيى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلارنى ۋە سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئەتنى ئۇقۇشنى، چۈشىنىشنى بىلىش دەل ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ھۆكمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى(كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن(قۇدرىتى ئىلاھىينى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار. -سۈرە«جاسىيە»(45-سۈرە)، 13-ئايەت

ئىنسانىيەت مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە تەپەككۇرى جەريانىدا شەكىللەنگەن فىزىكا ئىلمى دەل تەبىئەتنى ئۇقۇش ۋە چۈشىنىشنىڭ روشەن ئېلىپبەسى بولۇپ، ئىسلامىيەت تارىخىدا نۇرغۇن مۇسۇلمان ئالىملار بۇ ئېلىپبەگە تايىنىپ ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە سوۋغا قىلغان مۆجىزىسى ۋە مەرھەمىتى بولغان تەبىئەتنى ئۇقۇشقا ۋە چۈشىنىشكە ئۇرۇندى، شۇنداقلا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

فىزىكا لۇغىتىدە فىزىكا ئىلمىغا: جىسىملارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. دېمەك، ئۇ تەبىئەتنى يارىتىلغان ماددا سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدۇ، تەبىئەتتە ئۆزئارا تەسىر قىلىشىۋاتقان كۈچلەرنىڭ سىرىنى يەشمەكچى بولىدۇ. ئىسلام ئىلىم-پەن تارىخىدا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ھەقىقىي فىزىكا ئىلمى شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسلام پەيلاسوپلىرى ۋە ئالىملىرى تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە باشقا ئارىلاشما پەنلەر سۈپىتىدە فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنىمۇ ئۆزىنىڭ بۇرچى سىرتىدا قويغان ئەمەس. تۆۋەندىكىلەر ئەنە شۇلارنىڭ مىساللىرىدۇر:

1. ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (980-1037-يىللار): ئۇ ئارىستوتىلنىڭ زامان، ماكان ۋە ھەرىكەت توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى تەنقىدىي ئاساستا راۋاجلاندۇرغان. ئۇ يورۇقلۇقنى ”يورۇقلۇق مەنبەسى چىقارغان، چەكلىك سۈرئەتتە تارقىلىدىغان زەررىچىدىن ئىبارەت“ دەپ قارىغان. ئىبىن سىنا يەنە ئىسسىقلىق، كۈچ ۋە ھەرىكەت ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەن، ئۇ يەنە ئېتىلغان جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئېغىش بۇلۇڭى ئۇقۇمى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. «ئەششىفا» ئۇنىڭ تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قىسمى تەبىئەت ئىلمىغا بېغىشلانغان، ئۇنىڭغا فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك «ئەسسەدا ئەتتەبىئى»(تەبىئىي ئاۋازلار)، «ئەسسەما ۋەلئالەم»(ئاسمان ۋە ئالەم)، «ئەل كەۋن ۋەلفەساد»(بارلىق ۋە ھالاكەت)، «ئەلفەئال ۋەل ئىنفىئالات»(تەسىر ۋە تەسىرلىنىش) قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

2. ئىبنى ھەيسەم (965-1039-يىللار): ئىبنى سىنانىڭ زاماندىشى بولۇپ، ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئۇ يورۇقلۇق(ئوپتىكا) ئىلمىنى تەجرىبە قىلىش جەھەتتە تۆھپە ياراتقان. ظذ، فىرمات ئەڭ قىسقا ۋاقىت پرىنسىپىنى بايقاشتىن ئىلگىرىلا ”نۇر مۇھىتتىن ئاسان ۋە تېز يېتىدىغان مۇساپە ئارقىلىق ئۆتىدۇ“ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىنرىتسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن، كېيىن نىيوتۇن نەزەرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تىكلىگەن.

ئىبنى ھەيسەم يەنە مېخانىكا ئاتالغۇلىرى ئارقىلىق نۇرنىڭ سۇنۇش جەريانىنى بايان قىلغان. نۇر ئىككى مۇھىتنىڭ چېگرا يۈزلىرىدىن ئۆتكەندە نۇر زەررىچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى كۈچلەرنىڭ تىك تۆت بۇلۇڭ قائىدىسىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ يەنە نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىغان.

ئىبنى ھەيسەم ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى «ئوپتىكا ھەققىدە» دېگەن كىتابتۇر. بۇ كىتاب كىپلېر بىلەن نيوتۇننىڭ ئوپتىكا تەتقىقاتىغا مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

3. ئەل خازىين: ئەل خازىين يەر شارى مەركىزىگە يۆنەلگەن ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ ھاۋانىڭ ئېغىرلىقى بار دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئارخىمىد پرىنسىپىغا ئاساسەن ئالاھىدە جىسىم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنىڭ فورمۇلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تارازا ياسىغان، ئۇ يەنە تېمپېراتۇرىنىڭ جىسىم زىچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

4. مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا رازى(865-926-يىللار): ئۇ زامان ۋە ماكان نەزەرىيىسىگە ئائىت بولغان مۇستەقىل بىر خىل ئالەم ئىلمىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ يەنە ئاتوم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

5. ئەبۇ رەيھان بىرونى(973-1050-يىللار):ئەبۇ رەيھان بىرونى ئۆمرىدە 150 پارچە ئەسەر يازغان، ئۇنىڭ «ئەلقانۇن مەسئۇدى» ناملىق كىتابى 11 قىسىمدىن تەركىب تاپقان تەبىئەت پەنلىرى قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭغا فىزىكا ئىلمىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىدەك بايانلار كىرگۈزۈلگەن: كىتابتا قۇياش مەركەزلىك نەزەرىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، كىتابتا يەنە جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنى تىلغا ئېلىنغان، بىرونى يەنە، يەر شارىنى شار جىسىم دەپ ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۇ يەنە يەر شارىنىڭ رادىئۇسىنى 1081.66 فەرسەخ (بىر فەرسەخ 6.24 كىلومېتىرغا تەڭ) دەپ كۆرسەتكەن. ئەبۇ رەيھان بىرونىنىڭ يەر شارى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ دېگەن قارىشى پولشا ئالىمى كوپېرنىكتىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىدى. ئۇ يەنە ئەركىن چۈشكەن جىسىملار ھەرىكىتى قانۇنىنى ئىتالىيە ئالىمى گالىلىيدىن 6 ئەسىر بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان.

6. قۇتبىدىن شىرازى(1236-1311): ئۇ تۇنجى قېتىم يورۇقلۇقنىڭ سۇنىشىدىن پايدىلىنىپ ھەسەن-ھۈسەننى چۈشەندۈرگەن ھەمدە يورۇقلۇق سۈرئىتى مۇھىتنىڭ ئوپتىك زىچلىقى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى، ھېپىربۇلا سىرتلىق لىنزا ئارقىلىق شار سىرتى ئابىرراتسىيسىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

7. ئەبۇ ناسىر فارابى (874-950): ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى، ئۇ ئۆمرىدە 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، مەخسۇس فىزىكا ئىلمى ھەققىدە «سۈرئەت ۋە مىقدار ھەققىدە»، «ئاتوم كىتابى»، «ئاخىرقى كۈچ ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ئەبۇ ناسىر فارابى يەنە كۈچ، رەڭلەرنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە ھەرىكەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇ ھەرىكەتنى مەركەزدىن قاچقۇچى ھەرىكەت بىلەن مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ھەرىكەتكە بۆلگەن. ئۇ يەنە ھەرىكەتنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشىنى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان جىسىم بىلەن مۇساپىنىڭ يىراق-يېقىنلىقى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىغان.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىسلامىيەت تارىخىدا ئابدۇلقاھىر ئىبنى تاھىر باغدادى، موللا سەدرا(1571-1640-يىللار) قاتارلىق تەبىئەتشۇناس ئالىملارمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئېتىلغان جىسىمنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئەركىن چۈشكەن جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى تېزلىكىنى تەتقىق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە باغدادى ئەسلىدە يەھۇدىي پەيلاسوپى بولۇپ، تەبىئەتنى چۈشىنىش تۈرتكىسىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن.

يۇقىرىقىلار ئىسلام كلاسسىكلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق فىزىكا ئىلمى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولۇپ، موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىن ئىسلامىيەت ئىلىم دۇنياسى تەدرىجىي ھالدا چېكىنىش ۋە تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى سۈپىتىدە پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئالىم، دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ فىزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. دوكتور ئابدۇسالام ئىزچىل تۈردە زەررىچىلەر فىزىكىسى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت خىل ئاساسىي كۈچ— كۈچلۈك يادرو كۈچى، ئېلېكتر ماگنىت كۈچى، ئاجىز يادرو كۈچى ۋە تارتىشىش كۈچى مەنبەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 1978-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ئاجىز يادرو كۈچىنىڭ مەنبەسى ئورتاق بىر خىل ئەڭ ئاساسىي كۈچ— ئاجىز ئېلېكتر كۈچىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە مۇشۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن 1979-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئابدۇسالامنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى دەل تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت خىل ئاساسىي كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈچ خىلغا يىغىنچاقلاشنى ئىسپاتلىغانلىقىدا. ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇ ئۈچ خىل كۈچمۇ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ مەنبەسى بىر خىل كۈچ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ شەك-شۈبھىسىز ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن تامامەن بىردەك بولغان بولىدۇ.

دوكتور ئابدۇسالام تەبىئىي پەن ساھەسىدە مۇسۇلمانلاردىن چىققان تۇنجى ۋە بىردىنبىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى زامان يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقاتىدا سەئۇدىي ئەرەبىستانى مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بىن بازنىڭ تۆھپىلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن، ئۇ «قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەرىكىتى، يەر شارىنىڭ تىنچلىقى» ناملىق بىر كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابىدا يەر شارىنىڭ ئالەمنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكى ۋە قۇياشنىڭ يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يۇقىرىقىلار مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ فىزىكا(كەڭ مەنىدە تەبىئەت پەلسەپىسى) ئىلمىگە قوشقان ئاساسلىق تۆھپىلىرى بولۇپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلام ئىلىم-پەن تارىخى ۋە مۇسۇلماندارچىلىق پائالىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىزدا ئۈلگە بولالايدۇ.

ئاخىرىدا ئىزدىنىشىمنى ئاللاھنىڭ ”ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن!“ {سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 114-ئايەت} دېگەن كەلىمىسى بىلەن ئاياغلاشتۇرىمەن.

يەنە >>سۈرەتلەر