ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى
ئىسلامىيەت ساھەسىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ تەقۋادار ۋە بىلىملىك مۇسۇلمان ئالىم-ئۇلىمالار يېتىشىپ چىققان. ئۇلار قىسقىغىنا ھاياتىدا بىرىنچى قىلىپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف بىلىملىرىنى، ئەرەب تىلى قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئاندىن باشقا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلەپ ئۆز دەۋرىدە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇلار چەكلىك ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىسۇن ياكى قانداق مەنىۋى مىراسلارنى قالدۇرمىسۇن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان. بىزدىن بۇرۇن ياشاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئەنە شۇ بىر قاتار ئالىم-ئۇلىمالار ئىچىدە ئەلىشىر نەۋائى مەيلى خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى، شان-شۆھرىتى ۋە مەيلى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن خۇددى زۆھرە يۇلتۇزىدەك روشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
مەشھۇر ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر شائىر، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ پېشۋاسى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھىجرىيە 844-يىلى رامىزاننىڭ 7-كۈنى(مىلادىيە 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى) ھىرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجرىيە 906-يىلى جامادىيەل ئاخىرنىڭ 12- كۈنى(مىلادىيە 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى) ھىرات شەھىرىدە سەكتە(مېڭىگە قان چۈشۈش) كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئەينى چاغدا نەۋائىنىڭ ۋاپاتى ھىرات خەلقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قايغۇلۇق ۋەقە بولغانكى، پۈتۈن ھىرات خەلقى نەۋائى ۋاپات بولۇپ يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتقان.
ئەلشىر نەۋائى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، 30 يىلغا يېقىن تۈرلۈك دۆلەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. گەرچە نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى سۇلتان بولمىسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتىدە ئىناۋەت-ئابرۇيى ۋە نوپۇزى سۇلتان بىلەن باراۋەر ھەتتا ئۈستۈن ئىدى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرىغا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان، سىرتتىن ھەمكارلاشقان ياكى ھوقۇقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن چاغلىرىدا بولسۇن، پۈتۈن زېھنىنى ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىشى، يەنى خەلقنىڭ ساپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان. نەۋائىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، ئالىم ۋە ئۇستاز سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ۋە خىلمۇخىلدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىنى مۇنداق چوڭ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: بىرى، شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى؛ يەنە بىرى، ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرىدۇر.
نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆز ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ ھىرات ۋە پۈتۈن خۇراسان ئېلىدە ناھايىتى كۆپ بىنا، مەدرىس، شىپاخانا، كارۋان سارىيى، ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆۋرۈك، يوللارنى بەرپا قىلغان. ئۇ نوقۇل دىنى مەزمۇندىكى «ۋەخفىيە» ناملىق ئەسىرىدە(بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە بىر مۇنچە ئايەت ۋە ھەدىسلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن) ئۆزىنىڭ قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
”...ئانچە-مۇنچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ ئىشىمدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شەرىئەتنى نەزەردە تۇتتۇم ۋە ئىنساپنى ئەستىن چىقارمىدىم. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن كۆپ مەھسۇلاتلار ھاسىل ۋە غەنىيمەتلەر مۇيەسسەر بولۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۆتكىچىلىك تەمىناتقا، يەنى ئىسسىق-سوغۇققا دال بولغۇچىلىك بىر قۇر كونا كىيىم ۋە شۇنىڭغا لايىق يېمەكلىككە قانائەت قىلدىم...مەدرىسنىڭ شەرقى ۋە غەربى سۇپىسىغا ئىككى مۇدەررىس تەيىنلەندى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىسلام تەلىماتى قائىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسىنى، يەنە بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقان ھەدىسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار تەشكىللىگەن ھەربىر دەرس سورۇنىغا رەسمىي مائاشلىق تالىپتىن ئون بىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سەمىمىي ئىخلاس بىلەن ياساتقان بۇ مەدرىسكە ‹ئىخلاسىيە› دەپ ئات قويۇلدى... ئىخلاسىيە مەدرىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ خانىقانىڭ بىناسى ھەر خىل رىياكارلىق ۋە غەشلىكتىن خالاس ئىدى. كۆڭۈلنىمۇ ئارتۇقچە ئىككىلىنىشتىن خالاس قىلدى. شۇڭا بۇ خانىقاغا ‹خەلاسىيە› دەپ ئات قويدۇم. ’ئىخلاس قىلمىغىچە خالاس بولغىلى بولمايدۇ‘ دېگەن سۆزنىڭ مەزمۇنى سائادەتكە ئېرىشتى. پايتەخت ھىراتنىڭ ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈك غەللە-پاراق ئېكىنزارلىقلىرى، دۇكانلار، باغ، يەر ۋە كارىزلار ئۇ ھەزرەت(ھۈسەيىن بايقارا) زامانىنىڭ دۆلىتىدە پېقىرنىڭ مۈلكىگە ئايلانغانىدى. بۇلارنىڭ سودىسىدا شەرىئەت قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىنغانىدى. باھالىرىدىن بىر دىرھەم پۇلمۇ نېسى قىلىنمىغانىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋالدىن ئىسلام پېشۋالىرى، بەلكى پۈتۈن خالايىق خەۋەردار ئىدى ۋە بۇ ھەقتە ئاپىرىنلار ئېيتىپ قايىل بولۇشاتتى. پېقىر بۇلاردىن بىر مەزگىل مۈلۈك سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا يۇقىرىقى مەدرىس بىلەن خانىقاغا ۋەخپە قىلدىم. بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئىمارىتى، خادىملىرىنىڭ مائاشى ۋە كېتەرلىك بارلىق راسخوتلار مۇشۇ ۋەخپىدىن ھاسىل بولۇپ، شەرت قىلىنغان قائىدە بويىچە سەرپ قىلىنغاي“.
”كىشىگە ئەبەدىي دۆلەت ۋە دائىمىي سائادەت، ھاياتلىق بۇلىقىنىڭ خۇشخەۋىرى ۋە نىجاتلىق مەنزىللىرىنىڭ ئۈمىدى ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكلىك ئىشىكىدىن كىرمىگىچە ھاسىل بولمايدۇ؛ بۇ مۇبارەك بەش پەنجىسىگە قول سالمىغىچە ھېچ ئىش نەتىجە بەرمەيدۇ. بۇ بەشىنىڭ بىرى: تەۋھىد(بىرلىك) سۆزى. شۈكرى، ئۇنى جېنىم ئارىسىغا ‹ئەلىف›تەك نەقىشلىدىم. ئىككىنچىسى: بەش ۋاق نامازدۇر. خۇداغا شۈكرى ئۇنى زېھنىم ئارىسىدا ‹ھى›دەك مۇقىملاشتۇردۇم. ئۈچىنچىسى: رامىزان ئېيىدىكى ئوتتۇز كۈن روزىدۇر. ئاللاھقا تەشەككۈر، ئۇنى قەلبىمدە ‹لام›دەك يوشۇردۇم. تۆتىنچىسى: زاكاتتۇر. جېنىم دەسمايىسى ئاللاھ ئۈچۈن زاكات بولسۇن. ئاللاھ زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتكۈدەك مال يىغىش ھەۋىسىنى كۆڭلۈمگە سالمىدى. مىقدارغا يەتكۈدەك مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ بولغۇچە ئۇ مال قولۇمدا قالمىدى. بەشىنچىسى: ھەجدۇر. بۇ ماڭا باھانىسىز ھالدا مۇيەسسەر بولمىدى. ئىسلام گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئادەمدىمۇ بەش خىل سەزگۈ بولىشى كېرەك. بۇ بەش خىل سەزگۈ كىمدە كەم بولسا، ئۇنىڭ ئادەملىكى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ بەش خىل سەزگۈدىن مەندە تۆتى بار. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىككى ئارزۇدىن بىرسى مۇشۇ مۇبارەك ھەج سەپىرىدۇر...“.
نەۋائى بۇ ئەسىرىدە يەنە ئىخلاسىيە مەدرىسى بىلەن خەلاسىيە خانىقاسىغا ۋەخپە قىلىنغان ئىمارەت، بىر مۇنچە دۇكان، مېۋىلىك باغ، تېرىلغۇ يەر، كارىز، كەنت، ساراي قاتارلىق مال-مۈلۈكلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. «ۋەخفىيە» ناملىق ئەسەر نەۋائىنىڭ روھى دۇنياسىنى، ئۇ ياشىغان دەۋرنى ۋە شۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك يادىكارلىقتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئىي قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“{سۈرە «ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 104-ئايەت}.
ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، ئادىل ھۆكۈمرانلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ، ئۆز ھۆكۈملىرى، ئۆز ئەھلى ۋە ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىلەردە ھەققانى بولغان كىشىلەردۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
نەۋائى ئايرىم ھاللاردا ئاھالىلەرگە سېلىنغان سېلىقنىمۇ تۆلەپ قويغان. يەنى، 1500-يىلى ھىرات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەردىن 100 مىڭ كېپاكى(شۇ دەۋردىكى پۇل نامى) سېلىق يىغىشقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭدىن 50 مىڭ كېپاكىنى ھىرات خەلقىدىن ئېلىش كېرەك ئىدى. بۇ خەۋەر نەۋائىغا يەتكەندە، ئۇ: ”ھازىرقى پەيتتە خەلققە ئورۇنسىز سېلىق سېلىش ساھىبقىران دۆلىتىگە مۇناسىپ كەلمەس، بۇ ئىش خەلق ئىچىدە نارازىلىق ئۇلغايتىدۇ“ دەپ، شۇنچىۋالا پۇلنى ئۆزى تۆلەپ تۈگەتكەن. خەلق بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە چەكسىز بەخت تىلىگەن.
نەۋائىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان نۇرغۇن خەير-ئېھسانلىرى ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە ئەينى دەۋردە ۋە نەۋائىىنڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا چىققان بىر مۇنچە تارىخ ۋە تەزكىرىگە ئائىت كىتابلاردا ئەينەن خاتىرىلەنگەن. تارىخچى ئالىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كورەگان «تارىخى رەشىدى» دېگەن كىتابىدا نەۋائىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: ”شۇ ئەسىردىكى تەڭداشسىز ئالىم ۋە پازىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىر ئەلىشىرنىڭ تىرىشچانلىقى، تەربىيە ۋە پەرۋىشكارلىقى بىلەن كامالەت تاپتى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بايلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ھەممە مال-مۈلۈك، تەئەللۇقاتلىرىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا 18مىڭ شاھرۇخى(شاھرۇخ مىرزا نامىغا قويۇلغان ئالتۇن پۇل) كىرىم بولاتتى. ئۇنىڭ ھەممىسىنى پەزىلەت ئىگىلىرى ئىچىدىكى موھتاجلارغا سەرپ قىلاتتى. بەزى كۈنلىرى ئازراق بىر نەرسە ئاشاتتى، بەزى كۈنلىرى ئون سەككىز مىڭ شاھرۇخى تولۇق سەرپ بولاتتى. قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ھاجەتمەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلاتتى، پەزىلەت ئىگىلىرىنى پەرۋىش قىلاتتى. مال-مۈلۈك، تەئەللۇقاتلىرىنىڭ پۈتكۈل مەھسۇلاتىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا خالىس سەرپ قىلدى. شۇقەدەر تولا مەسچىت، لەڭگەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدىكى، ئېھتىمال ئۇنچىۋالا كۆپ ئىمارەتلەرنى ئالەم سەھىپىسىدە ئانچە كۆپ كىشى بىنا قىلالمىغان بولغىيتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ (نەۋائى ۋاپات بولۇپ 40 يىلدىن كېيىن) خۇراساندا ئۇ ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساقلىنىۋاتىدۇ. شۇ ئەسىردىكى پەزىلەت ئەھلى ئىچىدە ئۇنىڭ پەرۋىش قىلىشىغا ۋە ياردىمىگە ئىگە بولمىغان ھېچكىم يوق. ئەمىر ئەلشىرنىڭ نازۇكلۇقىدىن باشقا ئەيىبى يوق. ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك، مەرد ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى. پۈتكۈل ئۆمرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن يەككە- يېگانىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى“.
نەۋائى بىلەن زامانداش ئۆتكەن، ھىندىستاننى فەتھى قىلىپ بۈيۈك موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھىندىستانغا كەڭ تارقىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر پادىشاھ، ھەربىي ئالىم، ئەدىب زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: ”ئەلشىر بەگ نەۋائى تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. ئىلىم ۋە ھۈنەر ئەھلى ئۈچۈن ئەلشىر بەگكە يېتىدىغان تەربىيەتچى ۋە ھامىينىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەستۇر. ئۇ قىلغانچىلىك خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا مۇۋەپپەق بولغان بولۇشى مۇمكىن. مىرزىدىن ھېچنەرسە ئالمايتتى، بەلكى ھەر يىلى مىرزىغا نۇرغۇن مىقداردا مەبلەغ ھەدىيە قىلاتتى“.
كىشىلەر تالىشىدىغان تاج-تەختمۇ، ھەشەمەتلىك ئوردا-قەسىرمۇ، بىھېساب مال-دۇنيامۇ ئۆتكۈنچى، ۋاقىتلىق نەرسىلەردۇر. نەۋائى ھاياتىدا بۇلارغا قىزىقمىدى. شۇنچە كاتتا بايلىق ئىگىسى، ھوقۇق ئىگىسى تۇرۇپ يەنە تاكى ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئەل-يۇرتنىڭ غېمىنى يېدى، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتى. چۈنكى ئۇ ھەمىشە ئاللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئورۇنداشقا ئالدىرايتتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشكە تىرىشاتتى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”(ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار“ {سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 148-ئايەت}؛ ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن(ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ“ {سۈرە«مەريەم»(19-سۈرە)، 96-ئايەت}.
ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ئۇنى تىنىم تاپقۇزمايتتى. ئۇ بۇ يولدا ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق دەردى-بالا، غەم-كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلاتتى. ئەل-يۇرتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلاتتى. ئۇ مۇنداق يازغان:
ئادىمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادىمى،
ئانىڭكى يوق ئەل غەمىدىن غەمى.
يۈز جەفا كەلسە ماڭا بىر قەتلە فەرياد ئەيلەبان،
ئەلگە كەلسە بىر جەفا، يۈز قەتلە فەرياد ئەيلەرىم.
نەپىڭ ئەگەر خەلققە بىشەكدۇرۇر،
بەلكى بۇ نەپ ئۆزۈڭگە كۆپرەكدۇرۇر.
(ئەگەر ھەقىقىي ئىنسان بولساڭ خەلقنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان ئادەمنى ئادەم دەپ قارىما؛ ماڭا تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت كەلسىمۇ بىرەر قېتىم زارلىنىمەن، ئەمما خەلققە بىرەر جاپا كەلسە مىڭ قېتىم پەرياد ئۇرىمەن. خەلققە ھەقىقىي ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆپرەك ئۆزۈڭ كۆرىسەن).
نەۋائى ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن ئىلغار قاراشلىرى بىلەن باشقا ۋەزىر ۋە ئەمەلدارلاردىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ۋەزىرلىكتە تۇرغان چاغلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئەدىب-سەنئەتكارلار ۋە ھەر ساھەدىكى تالانت ئىگىلىرىنى ھىراتقا توپلاپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتى، ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى ۋە ئىجادى ئىشلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىگە ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلدى. ئەينى چاغدا ئىخلاسىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى نەۋائى ئۆزىنىڭ شەخسى مال-مۈلۈكىدىن چىقىم قىلاتتى. نەۋائى ئابدۇراھمان جامى، پەھلىۋان مۇھەممەد كۇشتىگىر، سەيىد ھەسەن ئەردەشىر قاتارلىق بىر قاتار تەقۋادار مۇسۇلمان ئالىم ۋە شائىرلار بىلەن ئىككى دۇنيالىق دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلدى. بىر ئادىل ھۆكۈمران سۈپىتىدە ھەمىشە خەلقنىڭ ئەرز-ھالىغا يەتتى. نۇرغۇن قېتىم ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ، ناھەق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدى. ھىراتنىڭ، جۈملىدىن خۇراساننىڭ 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ۋە گۈزەل قىياپىتىنى ئەلشىر نەۋائىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نەۋائى خۇددى ئۆزى يازغاندەك:
كىمكى ئەل خىزمىتىگە ئۆمۈرىنى سەرپ ئېتەر،
ئەگەرچە ئۆمرى كېتەر، مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە يېتەر.
ھاياتىدا قىلغان ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ياخشى نامى ئەل ئارىسىدا باقى قالدى.
نەۋائى ياشلىق دەۋردە يازغان شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان دىۋانى«بەدايىئۇل-بىدايە»(گۈزەل باشلىنىش)نى تۈزگەندە ئۇنىڭغا مەخسۇس دىباچە يازغان. ئۇ ئاشۇ دىباچەدە ئۆزىنىڭ دىۋان تۈزۈشتە ئەمەل قىلغان قائىدىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۇقەررەركى، ھەربىر ئىشتا، ھەر نەپەستە پاك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەدھىيىسىدىن ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى(ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ سۈپەتلىرىدىن يا بۇ ئىككىسىگە دالالەت بولغۇدەك بىرەر ئىشتىن غاپىل بولماسلىق ئەلادۇر“.
”كالامۇللا گەرچە باشتىن-ئاخىرغىچە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، قاراپ باق، ھەربىر سۈرىنىڭ بېشى ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان.
مۇشۇنداق خىيال كۆڭۈلگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەربىر ھەرپ غەزەلياتنىڭ بىرىنچى غەزىلى يا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەمدۇساناسى بىلەن ئىنشا قىلىندى، يا رەسۇلۇللاھ(ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلاندى ۋە ياكى بۇ ئىككى ئىشتىن بىرىگە دەلىل بولىدىغان بىرەر پەندى-نەسىھەت بىلەن ئىزاھلاندى. شۇنداق دىۋانلارمۇ باركى، ئۇنىڭدا مەرىپەت ئارىلاش بىرەر غەزەل تېپىلمايدۇ. شۇنداق غەزەللەرمۇ باركى، ئۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەت بولغۇدەك بىرەر بېيىتمۇ چىقمايدۇ. مۇنداق دىۋانلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئۆزى بەكلا بىھۇدە ۋە ئاۋارىچىلىق، بەلكى بىكارغا جاپا چەككەنلىك بولسا كېرەك. شۇڭا، بۇ دىۋاندا ھەمدۇسانا، نەئىت ۋە پەندى-نەسىھەتتىن باشقا، ئاڭلىغاندا ئاي يۈزلۈكلەرنىڭ سەركەشلىكىگە سەۋەب، غەمكىنلەرنىڭ پەرىشانلىقىغا بائىس بولىدىغان ھەربىر ئوتلۇق غەزەلدىن بىرەر-ئىككى نەسىھەتلىك ۋە پەند بولارلىق بېيىت مەقسەت قىلىندى“.
نەۋائىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان«چاھار دىۋان»(«خەزائىنۇل مەئانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناملىق شېئىرلار توپلىمى كىشىنىڭ قەلبىنى سېھىرلەپ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان ۋە كامىل ئىنسانلىققا دالالەت قىلىدىغان گۈزەل سۆز جاۋاھىراتلىرى بوستانىدۇر. دىۋاندىكى شېئىرلارنىڭ تىلى شۇنچىلىك پاساھەتلىك ۋە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، قانچە كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغانسېرى نەۋائىنىڭ شۇنچە تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە، ئىگىلىگەن بىلىمىنىڭ نەقەدەر مول، تەپەككۇر ئالەمىنىڭ نەقەدەر كەڭ ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئاللاھ ئىنسانلارغا رەھمەت يۈزىسىدىن تىلىغا ۋە دىلىغا ئاتا قىلغان بارچە گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر نەۋائىنىڭ قەلىمىدە خۇددى مارجان تىزىقلىرىدەك ئۆز جايىدا سەپكە تىزىلىپ، ئوقۇغان كىشى جان-دىلى بىلەن مەھلىيا بولغۇدەك نەزم بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، پەيغەمبەر قىسسىلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بەزى رىۋايەتلەرمۇ نەۋائىنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا پاساھەتلىك تىل بىلەن گۈزەل ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىدۇ:
يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلارنى كىشى بىلمەس دېسەم،
چۇن گۇۋاھلىق بەرگۈچى قول بىرلە پۇت ئەزا ئىكەن.
ياراتتى ھەزرىتى ئادەمنى، جۈپتى ئەيلەپتۇ ھەۋۋانى،
سېلىبان ئىشقى ئوتى يۈسۈپكە كۆرسەتتى زىلەيخانى.
نىگاھى كىم ئەزەلدە لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلمىشتۇر،
كې ئازەر ئوغلى ئىبراھىمگە نەمرۇد قىزى سارانى.
ئۆزۈڭنىڭ دوستىدۇر ھەم نۇرىدۇر ئول يار مەھبۇبىڭ،
مۇھەممەدكە قىلىپ نىسبەت خەدىچە تاجى كۇبرانى.
ئىلاھا، ئۇشبۇ بۇلبۇل گۈلنى-گۈلگە بەردىلەر ناسىپ،
مۇناسىپ شەكىرىستان قىلدى، بۇلبۇل تاپتى گۇيانى.
ئوشۇر ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ئۇشبۇ توي بولمىش،
ئېلىيۇل مۇرتازاغا جۈپتى ئەيلەپ ئۇشبۇ زەھرانى.
قەلەندەر بولسا بۇ تەنلەر، مۇئەللەقتە كەبۇ تەرلەر،
كى دوست شادۇ-خۇررەم، دۈشمەن ئۆلدى زار گىريانى.
مۇبارەك قىلغىلى لايىق نەۋائى ھىچ نىياز تاپماي،
كى ھەرنە بولسا بۇ لەفزىلە قىلدى تۆھپەنى جانى.
ئۇنىڭ بۇ دىۋاندىكى ھەربىر غەزىلى، ھەربىر پارچە شېئىرى گويا بىر ھېكمەت خەزىنىسىدۇر، جانغا ھۇزۇر بەخش ئەتكۈچى خۇشپۇراق گۈل غۇنچىسىدۇر.
نەۋائى «خەمسە» داستانلار توپلىمىدىكى 1-داستان بولغان «ھەيرەتۇلئەبرار»نىڭ 1-بېيىتىنى قۇرئان كەرىمدىكى ھەممە سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان (9-سۈرە«تەۋبە»دىن باشقا) ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن مۇنداق باشلىغان:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم،
رىشتەغە چەكتى نەچە دۇررى يەتىم.
بۇ داستاندىكى پەندى-نەسىھەت تۈسىدىكى مىسرالار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھىدىن قىلچە چەتنىمەيدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بېرىڭلارنىڭ ئوتۇن تىرىپ ئۆشنىسىگە بىر باغلام ئوتۇننى ئارتىپ كېلىپ ئۇنى سېتىپ جان باققىنى مەيلى بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن، باشقىلاردىن بىر نەرسە تىلىگەندىن ياخشىراقتۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
نەۋائى مۇشۇ مەزمۇندا مۇنداق مىسرالارنى يازغان:
بىر دەرەم ئالماق چېكىبان دەست رەنج،
ياخشىراق ئاندىنكى بىراۋ بەرسە گەنج.
سەن داغى چېككىل بۇتىكەن مېھنەتىن،
تارتماغىل ھاتەمى تەي مىننەتىن.
(ئۆز مېھنىتىڭ بىلەن كەلگەن بىر تىيىن، باشقىلار بەرگەن خەزىنىدىن ئەلا. سەنمۇ بۇ تىكەننىڭ جاپاسىنى تارتقىنكى، ھەرگىزمۇ ھاتەم تەيدىن مىننەت كۆرمىگىن).
نەۋائى چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرىدىن تارتىپ ئاددىي بىر پارچە مەكتۇبقىچە بولغان ھەر قانداق بىر ئەسىرىنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن، ياكى ھېچبولمىسا قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە«فاتىھە»نىڭ بىرىنچى ئايىتى بولغان ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“ دېگەن ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن باشلىغان.
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئۇستازى ئابدۇراھمان جامى نوپۇزلۇق ھەدىس كىتابى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى» ۋە «سەھىھۇلمۇسلىم»دىن كىشىلىك ھاياتتا ناھايىتى زۆرۈر بولغان ئەدەپ-ئەخلاق تېمىسىدىكى قىرىق ھەدىسنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنى پارس تىلىغا نەزمىي تەرجىمە قىلىپ «ئەربەئىن»(چېھىل ھەدىس) دەپ ئات قويغان بولۇپ، ئەلشىر نەۋائى بۇ ئەسەرنى گۈزەل تۈركى تىل بىلەن ئىككى كۈن ئىچىدە نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئالدى بىلەن ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەۋزىدىن چىققان ئەرەبچە تېكىستىنى بېرىپ، ئاندىن ئاستىغا تۈرك تىلدىكى نەزمىي تەرجىمىسىنى بەرگەن. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ ئەسەردىن نەمۇنەدۇر.
مۇئمىن ئېرسەڭ قىلىپ ئۆزۈڭنى شاد،
ئەل بىلە رەۋشەن ئول نېچۈككىم شەمىئ.
نېگەكىم تەڭرى ھېچ مۇئمىندە،
بۇخلۇ بەدخۇيلىغىنى قىلمادى جەمىئ.
(ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ ئەل بىلەن كۆڭلۈڭنى شاد قىل، ئەل بىلەن گوياكى شامدەك يۇرۇغىن. چۈنكى ئاللاھ ھېچبىر مۇسۇلماندا بېخىللىق ۋە بەتخۇيلۇقنى راۋا كۆرمەيدۇ).
ئەي خۇشا، ئولكى ئەيب كۆرمەك ئىلە،
يۈز ھۇنەرۋەر مەراتىبىن تاپغاي.
يەئىنى ئۆز ئەيبى پەردەسى كۆزىگە،
ئۆزگە ئەل ئەيبى چېھرەسىن ياپغاي.
(ئۆزىدىكى ئەيىبنى كۆرگەن كىشى يۈز ھۈنەرۋەننىڭ مەرتىۋىسىنى تاپىدۇ. ئۆز ئەيىبنىڭ پەردىسىنى ئاچالىغان كىشى ئۆزگىلەرنىڭ ئەيىبىنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ).
نەۋائى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى «مەھبۇبۇلقۇلۇب»(كۆڭۈللەر دوستى)نى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەر خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ناملىق ئەسەرلىرىگە ئوخشاش، نەۋائى ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىدا يەكۈنلىگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، ھايات ھەقىقەتلىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنى شەرھلىگەن ئاساستا مۇسۇلمانلارغا ئىككى دۇنيالىق نەپ بەرسۇن ئۈچۈن يېزىپ چىققان پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى قىممەتلىك ئەسەردۇر.
«مەھبۇبۇلقۇلۇب»تىكى نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر، بايانلار ماھىيەتتە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ شەرھىسى ياكى يەشمىسىدىن ئىبارەت خالاس. مەسىلەن تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
”سېنىڭ نېسىۋەڭنى باشقا بىراۋ يېمەس، باشقا بىراۋنىڭ نېسىۋىسىنى سېنىڭ يېيىشىڭ ھەم مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى تۇرمۇشتىن تولا غەم يېمىگەي. ئول ئاللاھ پۈتكۈل جان-جانىۋارلارنىڭ رىزقىغا كېپىل ئىكەن، ساڭا رىزىق يەتكۈزۈپ بەرمەسمۇ؟ چۈمۈلىگە رىزىق يەتكۈزۈپ بەرگەن ئاللاھ ساڭا بەرمەسمۇ؟ ئەزەلدىن بەلگىلەنگەن قىسمەتنى زورۇقۇپ ئارتۇرىمەن دېيىش، قەلەمدە يازغاننى قايتۇرىمەن دېيىش— قۇرۇقلۇقتا كېمە ھەيدەش دېمەكتۇر“.
”سەۋرىنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرگەن زاتلارنىڭ بىرى ئەييۇب نەبى(ئەييۇب ئەلەيھىسسالام)، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەرەبى(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)دۇر“.
”قايسى بىر كۆڭۈلدە ۋاپا ئورۇن ئالىدىكەن، ھايامۇ ئورۇن ئالغان بولىدۇ. دېمەك ۋاپا تېپىلغان يەردە ھايامۇ تېپىلىدۇ. ۋاپاسىزدا ھايا يوق، ھاياسىزدا ۋاپا يوق. قانداقلىكى كىشىدە بۇ ئىككىسى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىمانى يوق. ھەر كىمدە ئىمان بولمايدىكەن، ئۇنىڭدا ئادەمگەرچىلىكتىن ئىمكان يوق“.
”ئىلىم ئۆگىنىشتىن مەقسەت تەقۋالىق ئۈچۈندۇر، دۇنيا يىغىش ئۈچۈن ئەمەس. خەيرسىز باي يامغۇرى يوق بۇلۇتتۇر، ئەمەلسىز ئالىم كىتاب يۈكلەنگەن ئۇلاغدۇر“.
”ئىلىم ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىشلەتمىگەن كىشى قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سالمىغانغا ياكى ئۇرۇق سېلىپ ھوسۇل ئالالمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر“.
”ياخشىلار قاتارىدا بولالمىساڭ، ياخشىلار ئەتراپىدا يۈر.
ساقلىقنى تىلىسەڭ كۆپ يېمە، ئىززەت تىلىسەڭ كۆپ دېمە.
ئېغىزغا كەلگىنىنى دېمەك ناداننىڭ ئىشى،
ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.
بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم،
ئارلىنىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم.
ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ ئالىم بولۇر،
تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر“.
”ئىلىمسىز مىللەت نادان قالىدۇ، ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ“.
”قايسى قەۋمنىڭ كۆرۈنىشى بىلەن كۆرۈنسەڭ، شۇ قەۋمدىنسەن. ئۇلار يامان بولسا سەنمۇ يامان، ئۇلار ياخشى بولسا سەنمۇ ياخشى“.
نەۋائى كىتابنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق تاماملايدۇ: ”پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا شان-شەرەپلەر بولسۇن. بۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرىتىپ، ئەھلى دىل ئالدىدا «مەھبۇبۇلقۇلۇب» دەپ ئات قويدۇم. ئەي ئاللاھ، خەلق ئالدىدا ئەيىبلىك قىلمىغىن، كىم ئوقۇسا ئۇنىڭغا نېسىۋە بەرگىن“.
نەۋائىنىڭ ئەنە شۇ قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ئالەملىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان شۇنچە كۆپ ئېسىل ئەسەرلىرى ئۇنىڭ مۇتەپەككۇر شائىرلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئالدى بىلەن كامىل مۇسۇلمان، 15-ئەسىردە تۈركى خەلقلەر ئىچىدىن چىققان يېتۈك ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر“{سۈرە«جاسىيە»(45-سۈرە)، 30-ئايەت}؛ ”ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر. ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 114-، 115-ئايەتلەر}.
ئەلشىر نەۋائى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پاك ساھابىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن بېغىشلىغان تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. خۇددى ئۆز قەلىمى بىلەن ”سۆزۈم سەۋەبى بىلەن ئۆزۈم بۈيۈك ئېتىبارغا مۇيەسسەر بولسام، ئۆزۈم سەۋەبى بىلەن سۆزۈم ئالى دەرىجىگە مۇشەررەپتۇر“ دەپ يازغاندەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشى ئىش-ئەمەللىرى، خالىس ئاللاھ يولىدا قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى ۋە كۈچلۈك ئىسلام روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر مۇنچە ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز زامانىسىدىلا شۆھرىتى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغانىدى. ئۇ چەكلىك ماكاندا ۋە چەكلىك زاماندا ياشىدى. ئەمما ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە قالدۇرغان مىراسلىرى زامان ۋە ماكان چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كەتتى.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت شۇكى، ھاياتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى تۈپەيلى كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نام قالدۇرۇشتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ . پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەندى-نەسىھەت ئالىدۇ“ {سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 269-ئايەت}.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەقتە نەۋائىمۇ مۇنداق يازغان:
بۇ گۈلشەن ئىچرە يوقتۇر كۇللىگە سەبات،
ئەجەب سائادەت ئېرۇر چىقسا ياخشىلىق بىلەن ئات.
(دۇنيا گۈلشىنىدە ھېچكىم مەڭگۈ قالالمايدۇ، ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇش بەختتۇر).
نەۋائى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقىلىرى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئەلگە پايدىلىق ئىلىمى بىلەن مەڭگۈلۈك ساۋابقا ئېرىشتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ياخشى نامى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تىللاردا داستان بولۇپ جاھانغا تارالدى. مۇھىمى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان ئەسەرلىرى دەل قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىغى تۈپەيلىدىن دەۋر بوران-چاپقۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە يوقىلىپ كەتمەي، 500 يىللىق تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تولۇقى بىلەن كىتاب ھالىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلدى. ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قوللانغان، ئۇنى قولمۇقول كۆچۈرۈپ ھەر بىر ئائىلىدە دېگۈدەك تەۋەررۈك بىلىپ ساقلىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى 500 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزچىل ۋە ئومۇميۈزلۈك سۆيۈپ ئوقۇغان. ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى خەلقىمىز ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان. شۇنىڭدەك تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى دىيارىمىزدىكى بارلىق مەدرىسلەردە ئاساسلىق دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. ھازىرمۇ دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە نەۋائى ئەسەرلىرى ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە.
نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرى ھېلىمۇ بارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرگە ئىپتىخار تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ ۋە ئۈلگە ھەم ئۆرنەك بولالايدۇ. شۇقەدەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق شۇنچە كۆپ ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇ زاتقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن، ئامىن!