باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئىسلام دىنى ئىلىمگە دەۋەت قىلىدىغان دىن

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

سادىق ياقۇپ، ياقۇپ ھەمدۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىسلام دىنى تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغان، ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنى دەۋەت قىلىدىغان، تەرەققىيپەرۋەر دىن. ئىسلام دىنى بىزنى ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ، بىلىمنى قەدىرلەيدۇ، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەيدۇ. سۇبھانە ۋە تائالانىڭ مۇبارەك لەۋزىنى يەتكۈزگۈچى پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە يەتكۈزگەن تۇنجى ۋەھيى”ئوقۇغىن“نى قايتا-قايتا تەكرارلاپ، قەلەم بىلەن يېزىشنى، بىلمىگەننى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن:

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

−سۈرە«ئەلەق»(96-سۈرە)، 1-5-ئايەت

دېمەك، ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىش ئاللاھ تائالانىڭ بىز بەندىلەرگە چۈشۈرگەن تۇنجى تەشەببۇسى، ئەمرى، پەرزى، ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېمىتى، رەھمىتى، شەپقىتى. قۇرئان ئۆزىنىڭ مۇبارەك سەترىلىرىدە ئەقىلنى، ئالىملارنى لال قىلىدىغان ئىلىم-پەن، گۆھەر-جاۋاھىراتلىرىنى تېگىگە يوشۇرغان چەكسىز ۋە چوڭقۇر دېڭىز. ھازىرقى زامان ئالىملىرى تېخى ئاشۇ دېڭىز ساھىلىدا تۇرۇپ بۇ سىرلىق مۆجىزاتلارنىڭ سىرىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

ئۇلارغا بىز تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە(ئاسمان-زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى(قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز. ‐ سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 53-ئايەت

بۇ بېشارەتتىن بىز ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ (ئاسمان-زېمىننىڭ) ھەقىقىي سىرلىرنى تېپىپ چىقساق ئاندىن ئاللاھنىڭ قۇدرەت-كامالىنى تونۇپ يېتىپ، ئىمانىمىز كامىل بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەقىقىتىنى تېپىش، سىرلىرىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، ھارماي ئىزدىنىش، تەجرىبە قىلىش، ئىلمىي خۇلاسىلەش، بىلىم جۇغلاش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى سىزنى ھەيران-ھەس قالدۇرىدىغان مۆجىزاتلار سىرىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۆجىزاتلار بۇندىن 1400 يىل مۇقەددەم قۇرئاندا ئاللاھ تەرىپىدىن بېشارەت بېرىلگەنلىكىنى بايقىيالايمىز. ھازىرقى كەشپىياتلار قۇرئاندىكى مۆجىزاتلارنى ئىنسانلارغا جاكارلاشتىن ئىبارەت، خالاس. مەسىلەن: ھازىرقى يۇقىرى ئىلىم-تېخنىكا ئالەم بوشلۇقىغا يۈزلىنىپ، كائىناتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ، ئاسماننىڭ ئەسلىدە تۇمان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى قىياسەن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىلىم ئەسلىدە قۇرئاندا: ”ئاللاھ زېمىننى يارىتىپ بولۇپ، ئاندىن ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 11-ئايەت}دېيىلگەن. زېمىننى قېدىرىپ تەكشۈرگۈچى گېئولوگلار تاغلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ تاغلارنىڭ يەر ئۈستى قىسمى قانچىلىك ھەيۋەت ئېگىز بولسا، زېمىن تېگىدىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىپ، زېمىننى تۇتۇپ تۇرىدۇ، يەر تەۋرەشنىڭ ئاجىزلىشىشىغا مۇئەييەن توساق بولالايدۇ دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانىدى. قۇرئاندا: ”(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟“ {سۈرە«نەبە»(78-سۈرە)، 7-ئايەت} دېگەن ئايەتتە يەر تەۋرەپ ئىنسانلارغا دەھشەتلىك بالايى-ئاپەت كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تاغلارنىڭ زېمىنغا قېقىلغان قوزۇقتەك مۇستەھكەم باغلاپ تۇرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

«قۇرئان كەرىم»دة: ”ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى، زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر(يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار)نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار“{سۈرە «ياسىن»(36-سۈرە)، 36-ئايەت} دېگەن ھۆكۈمنى بۈگۈنكى بىئولوگىيە ئالىملىرى ئۇزاق يىل تەتقىق قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەرمۇ جۈپلىشىپ، چاڭلىنىپ مېۋە بېرىپ كۆپىيىدىغانلىقىنى، بارلىق جاندارلارنىڭ جۈپتى بارلىقىنى، ئۇلار جۈپلىشىپ نەسىل قالدۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانسىز جىسىملارنىڭمۇ جۈپ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مەسىلەن: توك، ماگنىت زەرەتلىرى، سانلار مەنپىي، مۇسبەت جۈپ ھالەتتە مەۋجۇت. جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىمۇ كونا-يېڭى، مۇھەببەت-نەپرەت قاتارلىقلارنىڭ بىر جۈپ قارىمۇقارشى ھالەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دېمەك، قۇرئان ئىلىم-پەن يېتەكچىسى، دىنىي ۋە دۇنياۋى بىلىملەرنىڭ تەڭداشسىز قامۇسى، ئاللاھ ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى، دۇنيا تارىخىدا ئالاھىدە قىممەتلىك، دەۋر بۆلگۈچى شاھانە ھۆججەت. قۇرئاندا ئىلىم توغرىسىدا 721 ئايەتتە تەكرار-تەكرار تەكىتلەپ بىزنى ئىلىم ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئىنسانلارنىڭ پىر بوۋىسى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ ئۆز پەزلى-كەرەمى بىلەن تامام ئىلىمنى بىلدۈرۈپ، پەرىشتىلەرگە ئۈلگە قىلىپ: ”سىلەر يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلار توغرىسىدا بىلمەكچى بولساڭلار ھەزرىتى ئادەمدىن سوراڭلار“ دېگەن. جانابى ئاللاھتىن خىتاب بولدىكى: ”مەن بىلگەننى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئادەم سىلەردىن ئالىمراق. مىڭ ئابىددىن بىر ئالىم ئەلادۇر، ئەمدى ھەممىڭلار ئادەمنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ سەجدە قىلىڭلار“ («قىسسەسۇل ئەنبىيا»، 22-بەت) دەپ ئەمىر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىلىم ئۆگىنىش ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ۋەزىپىسى، ئادىمىيلىك بەلگىسى، ئاللاھ تاپشۇرغان پەرز.

ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق قىلىنغان بولىدۇ.

‐سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 269-ئايەت

ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ(يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.

‐سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 282-ئايەت

ئۇ (يەنى قۇرئان)ۋەز-نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر).

− سۈرە«مۇددەسسىر»(74-سۈرە)، 54-ئايەت

يۇقىرىقى ئايەتى كەرىملەردىن ئىنسانلار ئۈچۈن ئىككىلا ئالەمدە پايدىلىق بولغان ئىلىم ئاللاھنىڭ بىزگە رەھمەت قىلىپ ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمىتى ئىكەنلىكى، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرى بولالايدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى(قۇرئان ئايەتلىرى) بىزنى بەختكە، ياخشى ئەمەلگە، جەننەتكە يېتەكلەيدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك يېتەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز. يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ھەر بىر سۆز ھەۋزى كەۋسەردەك چاڭقاق دىللارنى ياشنىتىدۇ، بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، بىلىم بىلەن قۇدرەت تېپىپ، ئىلىم بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. قۇرئاندىكى ۋەز-نەسىھەتنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ تەربىيىۋى رولى ئىنتايىن چوڭقۇر.

مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيەتتى. ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەقىدە-ئىخلاسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىلىم توغرىسىدا، ئىلىم ئەھلى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى: ”كىمكى ئىلىمنى، ئالىمنى دوست تۇتسا، ئۇنىڭ خاتالىقى يېزىلمايدۇ، ئۇ كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ“. ”كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا بولسا، جەننەت ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىدە بولىدۇ“، ”كىمكى ئىلىم ئىشقىدا ئۆلسە ئۇ كىشى پەيغەمبەر دەرىجىسىدە بولىدۇ“. ”يەر يۈزىدىكى ئالىملار خۇددى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ جاھاننى يورۇتۇشى بىلەن قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىزدا يول تېپىپ ماڭغىلى بولىدۇ. يۇلتۇزلار بولمىسا، يول يۈرگەنلەر ئېزىپ قېلىشقا تاس قالىدۇ“. ”گەرچە ئىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىلىمغا ئىنتىلىڭلار. چۈنكى ئىلىم ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىش ھەر بىر مۆمىنگە پەرزدۇر“، ”ئىلىم ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر. تەقۋالىق دىننى تۇتۇپ تۇرغۇچى تۈۋرۈكتۇر. مېنىڭ قارىشىمچە ئىبادەتكە قارىغاندا ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ئارتۇقتۇر“(«سەھىھ ھەدىسلەر»، 104-، 110-، 112-بەتلەر). يۇقىرىقى ھەدىس كەلىمىلەر ئىلىمنىڭ بۇ دۇنيادا ئىنسانلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكى، قانچىلىك ساۋابلىق، ياخشى ئەمەلگە ياتىدىغانلىقى، ئىلىمنىڭ رولى، ئەۋزەللىكىنى توغرا شەرھلەپ بىزنى ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

ئاللاھ پەزلى-كەرەمى بىلەن تاللاپ، ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ھەر قايسى قوۋملەرنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچىلا ئەمەس، ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلمىدا كامىل، ئەخلاقى پازىل، ھۈنەردە ماھىر ئادىمى ئىدى. ئىدرىس ئەلەيھىسسالام ئەڭ بۇرۇن خەت يېزىشنى ئىجاد قىلغان ھەم رەخت توقۇش، كىيىم تىكىشتە قالتىس ئۇستاز ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام تۇنجى كېمە ياسىغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تۇنجى ئۆينى بىنا قىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالتۇن تاۋلاشنى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام تۆمۈر تاۋلاش، تۆمۈردىن ھەر خىل قوراللارنى ياساشنى كەشىپ قىلغان. ئاللاھ قۇرئاندا: ”بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلەيمانغا(دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق“{سۈرە «نەمل»(27-سۈرە)، 15-ئايەت}دېگەنىدى. ”لوقمانغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام:’ئى لوقمان، خالىساڭ پەيغەمبەر بول، خالىساڭ ئىلىم-ھېكمەتتىن تەلىم بېرەي‘ دېدى. ھەزرىتى لوقمان:’پەيغەمبەرلىك بەك ئۇلۇغ يولدۇر، ئىلمىي ھېكمەت كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ‘ دېدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا ئىلىم-ھېكمەتتىن تەلىم بەردى. بارلىق پادىشاھلار، ئالىملار، ئىنسانلار ئۇنىڭغا موھتاج بولدى“ («قىسسەسۇل ئەنبىيا»دىن). مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ئاللاھ چەكسىز رەھىم-شەپقەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىلىم-ھېكمەت، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇپەسسەل بىلدۈرۈپ يۈكسەك كامالەت ئىگىسى قىلدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى جاھالەت زۇلمىتىدىن مەرىپەت يورۇقلۇقىغا باشلىغان.

ئىسلام دىنى 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روناق تېپىپ، قۇرئاننى تۇتقا قىلىپ، ئىلىمدىن نۇر ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، پۈتكۈل ئەرەب زېمىنىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپلا قالماستىن، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى خەلققە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خەلىپىلەر ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ قەيەرگە قەدىمى يەتسە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسىنى ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۆز يېرىنىڭ مەدەنىيىتىنى مەركەز قىلىپ، چەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ ئىنسانىي مەدەنىيەتنى—ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى. شۇ دەۋرلەردە ئىسلام مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئەرەب ئالىملىرى ئەرەبچە رەقەم ۋە ئونلۇق سىستېما ئۇسۇلىنى كەڭ قوللانغانىدى. بۇ رەقەملەر ئىنسانىيەتكە كۆپلىگەن ئوڭايلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەرگەچكە پۈتكۈل دۇنيا ھازىر مۇشۇ رەقەملەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەلجەبىر(ئالگېبرا)، گېئومېتىرىيە، ترىگىنومېتىرىيىنى تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان ئالىملار ئىجاد قىلىپ كېيىنچە ياۋروپاغا ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تارتقان. مۇھەممەد خارەزمى 9-ئەسىردە ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشتىن 800 مەسىلىنى يېشىپ بەرگەن. ئۇنىڭ كىتابلىرى كېيىن 16-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ياۋروپالىقلارنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە دەرسلىك بولۇپ قالغان. ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ رەسەتخانا بولۇپ، ئۇلۇغبەگ ئاسترونومىيە ئىلىمىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن. يەئقۇب كىندى يۇنان تىلىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئىلىم تارقىتىشتا زور تۆھپە قوشقان. فارابى مۇزىكا، پەلسەپە، ماتېماتىكىدا زامانىسىنىڭ يېتۈك ئەللامىسى ئىدى. ئىبنى سىنا خىمىيە، تېبابەتچىلىكتە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىپ دۇنيا مېدىتسىنا ئىلىمىگە ئاساس سالغان، شۇڭا تېبابەتچىلىكنى غەربلىكلەر شۇ ئالىمنىڭ نامىدا ”مېدىتسىنا“ دەپ ئاتىغان. خىمىيىدە جابىر ئىبىن ھەييان، فىزىكىدا ئىبنى ھەيسەم قاتارلىق ئالىملار يۇنانىستاننىڭ ئارىستوتىلىغا تەڭداش ئالىملاردىن ئىدى.

ئىسلام دىنى شىنجاڭ رايونىغا كىرگەندىن كېيىن قەشقەر قاتارلىق جايلار مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىسلام دىنىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى شىنجاڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلار شۇ دەۋر مەدەنىيەت باغچىلىرىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەۋائى، لۇتفى، رابغۇزى، زەلىلى، سەككاكى، نىزارى قاتارلىق كلاسسىكلىرىمىز، يېقىنقى زاماندىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىم شېھىت، زۇنۇن قادىر، تېيىپچان ئېلىيوپ قاتارلىق يازغۇچى-ئالىملىرىمىزمۇ ئىسلام مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان مەدرىسلەردە ئىلىم ئاساسىنى تۇرغۇزغان، ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆچمەس ئابىدىلەرنى تىكلىگەن زاتلار ئىدى.

سان-ساناقسىز پاكىتلار ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمنى ئۇلۇغلايدىغان، ئىلىمنى، ئالىمنى يۈكسەك قەدىرلەيدىغان، دەۋرگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتقا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن تەرەققىيپەرۋەر دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىپ، ھۈنەر-سەنئەت ئىگىلەپ، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش، ھۈنەر-تېخنىكا ئىگىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئەزەلدىن كۈچ-مەدەت بېرىپ كەلگەن. شۇڭا شۇ زامانلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئاجايىپ تالانتلىق ئىلىم-پەن چولپانلىرى چىقىپ ئىلىم-پەن ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، ياۋروپانىڭ ئويغىنىشىغىمۇ تۈرتكە بولغانىدى. مۇسۇلمان ئالىملار تىكلىگەن ئالتۇن پرامىدالار ھازىرمۇ كۆز چاقنىتىپ تۇرماقتا. پاكىت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە ھەرگىز زىت ئەمەس. خۇددى ئېينىشتېيىن ئېيتقاندەك: ”ئىلىم-پەنسىز دىن توكۇرغا، دىنسىز پەن قارىغۇغا ئوخشايدۇ“.

بىلىم ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇۋۋەت، ماددىي بايلىق، روھىي بايلىق، شانۇ شاراپەت، ئىجاد-كەشپىياتنىڭ ئانىسى. بىلىمى يوق ئادەم، مائارىپى تەرەققىي قىلمىغان مىللەت، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان دۆلەت نادان، قالاق، ئاجىز، خار بولۇپ قالىدۇ. بىلىم ئىنسان ئۈچۈن كۈن نۇرى، ھاۋا، سذ، نانغا ئوخشاشلا مۇھىم. بىلىمسىزنىڭ دىلى زىمىستان، ئۆيى گۆرىستان، ئۆزى ۋەيران، ئۆمرى سەرسان بولىدۇ. جەمئىيەتتە بىلىم نۇرى ئۇلۇغ، بىلىم بەخت نۇرى. ئۇ ئىنسانلارغا ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ. بىلىمسىزلىك تراگېدىيە. قايسى مىللەتتە، قايسى دۆلەتتە بىلىمسىز نادانلار كۆپ بولسا خەلقنى ئاپەت، دۆلەتنى پالاكەت باسىدۇ. مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مائارىپقا، ئىلىم-پەنگە تايىنىمىز. 21- ئەسىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر دۇنياۋى تورلاشقان، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا يەر شارىلىشىۋاتقان، رىقابەت، خىرىس كۈچىيىۋاتقان دەۋر. دەۋرگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتمىسەك تاللىنالماي شاللىنىمىز. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ شانلىق ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلىم، ھۈنەر-تېخنىكا ئىگىلەپ، بالىلىرىمىزغىمۇ ئېتىقاد بىلەن ئىلىمنىڭ ئايرىلماس ھېكمىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» 2005-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر