باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مۇتەۋاتىر ھەدىس قايسى دەرىجىدىكى ھۆكۈم كۈچىگە ئىگە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

مۇتەۋاتىر ھەدىس ئىشەنچلىك دەلىل، قەتئىي ئىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چوقۇم قوبۇل قىلىپ، ئېتىقاد ۋە ئەھكاملاردا− مەيلى دىنىي ئەھكام، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئەھكاملىرى ياكى ئەخلاققا ئائىت فىقھى ئەھكاملاردا بولسۇن دەلىل قىلىشقا بولىدۇ. 

مۇتەۋاتىر ھەدىسنىڭ رەسۇلۇللاھتىن يېتىپ كەلگەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۇنى قىلچە شۈبھىلەنمەستىن قوبۇل قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇنى ئىنكار قىلغانلىق قەتئىي بولغان دىنىي پىرىنسىپنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن مۇتەۋاتىر ھەدىسنى ئىنكار قىلغان كىشى شەك-شۈبھىسىز ئازغۇن كىشىدۇر!

بىلىشىمىز كېرەككى، مۇتەۋاتىر ھەدىسنى ئىنكار قىلىش  ئوچۇق-ئاشكارا تىل بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر. بىراق، مۇتەۋاتىر ھەدىسنى شەرھلەش ئۇنى ئىنكار قىلغانلىق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ھەدىسنى شەرھلىگۈچى ئاۋۋال مەزكۇر ھەدىسنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىلمەسلىكتىن مۇتەۋاتىر ھەدىسنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان كىشىلەرنى قارىسىغىلا مۇتەۋاتىر ھەدىسنى ئىنكار قىلدى، دېيىشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش لازىم. ئەگەر، ئۇ ھەقىقەت بايان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋەرسە، مۇتەۋاتىر ھەدىسنى ئىنكار قىلغانلىق گۇناھىنى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

مۇتەۋاتىر ھەدىس فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا كەسكىن ۋە قەتئىي دەلىل بولىدۇ.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر