باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مۇتەۋاتىر ھەدىس قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

مۇتەۋاتىر ھەدىس لەفزى (ئىبارىسى) مۇتەۋاتىر ھەدىس ۋە مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1) لەفزى مۇتەۋاتىر ھەدىس ھەدىسنىڭ سۆز-ئىبارىسى ۋە مەزمۇنى مۇتەۋاتىر رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستۇر. مىسالەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىم ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن ئۆزىگە جەھەننەمدىن ئورۇن تەييارلىسۇن“. بۇ ھەدىسنى جەننەتتىن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە قوشۇلۇپ، جەمئىي يەتمىشتىن ئارتۇق ساھابە رىۋايەت قىلغان.

2) مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ھەدىس. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى مۇتەۋاتىر شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان، لېكىن لەفزى مۇتەۋاتىرلىق شەكىلدە بولمىغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ. مىسالەن: دۇئا قىلغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يۈزدىن ئارتۇق ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئا قىلغاندا قولىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، لېكىن ئوخشىمىغان سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان.

ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش، ”مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ نۇرلۇق قىلسۇن“، ”كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ“، ”مەست قىلىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارام“دېگەن ھەدىسلەر، قەبرىنى مەسچىت قىلىۋېلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردۇر.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر