باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مۇتەۋاتىر ھەدىستىكى رىۋايەتچىلەر سانىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدا كونكرېت بەلگىلىمە بارمۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، مۇتەۋاتىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ سانىدا مۇئەييەن ئېنىق بەلگىلىمە يوق. ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىشىدىكى ئۆلچەم شۇكى، ھەدىس يېتەرلىك رىۋايەتچىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ راستچىللىق بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى يەتكۈزگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بولسا بولىدۇ. چۈنكى، ھەدىس سەنەدىدىكى ھەربىر قاتلام رىۋايەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، ئادىللىقى ۋە ھەدىسنى ئېنىق ۋە دەل يەتكۈزۈش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ توغرا ۋە ئېنىق بولۇش دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

شۇڭا، بەزىلەر بىر كىشىنىڭ زىنا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىنىڭ تۆت بولۇشى كېرەكلىكىنى دەلىل قىلىپ، ھەربىر قاتلامدىكى رىۋايەتچىلەر سانىنىڭ تۆتتىن كەم بولماسلىقىنى شەرت قىلغان بولسا، بەزىلەر لەنەت قەسىمىنىڭ بەش قېتىم بولۇشىنىڭ شەرتلىكىگە ئاساسلىنىپ، بەشتىن ئاز بولماسلىقىنى شەرت قىلغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئاللاھنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ ئەھدە ئالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئون ئىككى رىۋايەتچى بولۇشى كېرەك دېگەن. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقتۇق...﴾ {سۈرە ”مائىدە“، 12-ئايەت}.

توغرا قاراش شۇكى، مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىشتە رىۋايەتچىلەر سانىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلار مۇھەددىسلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن چەكنىڭ قانچە ئادەم بولۇشى ھەققىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر