باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس تەۋەلىك نۇقتىسىدىن قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-22   
ھەدىس تەۋەلىك نۇقتىسىدىن (يەنى يۇقىرى سەنەدنىڭ كىمگە ئۇلىنىشى ۋە ھەدىس مەزمۇنىنىڭ كىمگە ئالاقىدار بولۇشى نۇقتىسىدىن-ت) ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ: ئۇلار − مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىت رىۋايەت، ساھابىلەرگە ئائىت رىۋايەت ۋە تابىئىنلارغا ئائىت رىۋايەتتىن ئىبارەت.
بىرىنچى، ھەدىس مەرفۇئ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىت رىۋايەت).
مەرفۇئ ھەدىس مەيلى ساھابىلەر ياكى تابىئىنلار ۋە ياكى تابىئ تابىئىنلار ھەتتا ئۇلاردىن كېيىنكىلەر رىۋايەت قىلغان بولسۇن، ھەدىس سەنەدى ئۇلاشقان ياكى ئۈزۈك بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق سۆز-ئىبارىسى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى سۈپەتلەشلەرگە ئالاقىدار رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ.
ھەدىس مەرفۇئ ساھابىلەردىن تارقالغان رىۋايەت بولۇشى، تابىئىنلار ياكى ئۇلاردىن كېيىنكىلەردىن تارقالغان رىۋايەت بولۇشى مۇمكىن. ئۇ − سەنەدى ئۈزۈلمەي ئۇلاشقان ھەدىس، مۇرسەل ھەدىس (سەنەدىدىن ساھابە چۈشۈپ قالغان ھەدىس)، مۇنقەتىئ ھەدىس (سەنەدىدىن بىر ياكى ئىككى رىۋايەتچى چۈشۈپ قالغان ھەدىس)، مۇئزەل ھەدىس (سەنەدىدىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رىۋايەتچى ئارقىمۇ ئارقىدىن چۈشۈپ قالغان ھەدىس)، مۇئەللەق ھەدىس (سەنەدىنىڭ بېشىدىن بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ رىۋايەتچى چۈشۈپ قالغان ھەدىس) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىسلەر مەيلى سەنەدى ئۇلانغان بولسۇن ياكى ئۈزۈك بولسۇن ھۆكۈم جەھەتتىن ھەممىسى مەرفۇئ ھەدىسلەردۇر.
خەتىبۇل باغدادىنىڭ قارىشىدا ھەدىس مەرفۇئ پەقەت ساھابىلەر ئارقىلىق قىلىنغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغانلاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ھەسەن بەسرى ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى قاتارلىقلار بار، ئۇلار ساھابىلەردىن كېيىنكىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ”مەرفۇئ ھەدىس“دېگىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. بىراق، بىر قىسىم ئالىملار خەتىبۇل باغدادىنىڭ قارىشى پەقەت مەرفۇئ ھەدىسنىڭ بىر تۈرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇ مەرفۇئ ھەدىسكە بېرىلگەن ئەڭ توغرا تەبىر ئەمەس، دەپ قارىغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرى بىلەن يۇقىرىدا بېرىلگەن تەبىرنىڭ ئورتاقلىقى بار.
ئىككىنچى، مەۋقۇف ھەدىس (ساھابىلەرگە ئائىت رىۋايەت).
مەۋقۇف ھەدىس− سەنەدى تابىئىنلارغىچە تۇتاشقان، تابىئىنلاردىن قىلىنغان ساھابىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ھەققىدىكى رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز-ھەرىكەت ۋە سۈكۈتلەر ساھابىلەردىن سادىر بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بەرگىلى بولمايدۇ.
بەزى ئالىملار ئەگەر ھەدىس تېكىستىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغانلىقىغا ئالامەت بولسا مەزكۇر ھەدىس مەرفۇئ ھەدىس دەرىجىسىگە ئۆرلەيدۇ، دەپ قارىغان.
ئەگەر ساھابىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدا، مەزكۇر ھەدىس سۆز-ئىبارە جەھەتتىن مەۋقۇف ھەدىس دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەمما ھۆكۈم جەھەتتىن مەرفۇئ ھەدىس دەپ قارىلىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىشتا ئاساس قىلىنىدۇ.
ئالىملار ئارىسىدا ساھابىلەرنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمى ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلغان سۆز-ئىبارىلىرىنى ھۆكۈم چىقىرىشتىكى دەلىل قىلىشقا بولامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار.
ئىمام مالىك ۋە بىر قىسىم ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ساھابىلەرنىڭ سۆزىلا بولىدىكەن، ئۇنى دەلىل قىلىشقا بولىدۇ. زور كۆپ ساندىكى ئەقىدەشۇناس ئالىملار، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەمدە شافىئىينىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى قارىشىدا بولسا ئۇنى دەلىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەم ئەشئەرى ۋە ئەقىدەشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.
توغرا قاراش شۇكى، ساھابىلەرنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمى ۋە قاراشلىرىنىڭ ئۆز خاھىشىدىن بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كونتېكىست بولسا، بۇ ھەدىس مەرفۇئ دەرىجىسىگە ئۆرلەيدۇ.
ئۈچىنچى، مەقتۇئ ھەدىس (تابىئىنلارغا ئائىت رىۋايەت).
مەقتۇئ ھەدىس تابىئىننىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ھەققىدىكى رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل رىۋايەتتە، سەنەد ئۇلاق ياكى ئۈزۈك بولسا بولىۋېرىدۇ، ھەمدە رىۋايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىدىن قىلىنغانلىقىنى تۈپتىن ئىسپاتلايدىغان كونتېكىستمۇ يوق بولىدۇ.
مىسالەن: ئىبنى سىيرىن مۇنداق دېگەن: ”بۇ ئىلىم دىندۇر، دىنىڭلارنى كىمدىن ئالىدىغانلىقىڭلارغا قاراڭلار“.
ئىمام شافىئىي ۋە تەبەرانىنىڭ كىتابلىرىدا، تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتلەر مۇنقەتىئ ھەدىس (ئوتتۇرىسى ئۈزۈك ھەدىس) دەپ ئاتالغان. بۇ ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى كەڭ تارقىلىشتىن ئىلگىرى، ئالىملارنىڭ بۇ ئاتالغۇلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. چۈنكى، مۇنقەتىئ ھەدىس رىۋايەت سەنەدى ئۈزۈك رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەقتۇئ ھەدىس بولسا تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ.
تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتلەرگە قارىتا ئىسلام ئالىملىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراشتا بولغان:
1) رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھتىن كەلگەنلىرى باش ۋە كۆزىمىز ئۈستىدە (يەنى مۇتلەق ئەمەل قىلىمىز-ت)، ساھابىلەردىن كەلگەنلىرىنى تاللايمىز، تابىئىنلارنىڭكىگە كەلسەك ئۇلارمۇ ئىنسان، بىزمۇ ئىنسان“.
شۇڭا، بەزى ئالىملار فىقھى ھۆكۈمدىن تەركىب تاپقان تابىئىنلارنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە سۈرگىلى بولىدىغان ئامىللار بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنى دەلىل قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراشنى قوللىغان.
2) بەزى فەقىھ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تابىئىنلارنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە سۆزلىرى ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە دېيىلگەن، ھەم ساھابىلەر ئۇنى ئىنكار قىلمىغان بولسا تابىئىننىڭ رىۋايىتى دەلىل قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا دەلىل قىلىنمايدۇ.
3) مۇھەددىسلەرنىڭ قارىشىچە، تابىئىنلارنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمى ۋە قاراشلىرى ئۆز خاھىشىچە بولمىسا ئۇلارنىڭ رىۋايىتى دەلىل قىلىنىدۇ.
  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر