باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىسنىڭ سەنەدى دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-28   
ھەدىس ئاتالغۇسى بولغان ”رىۋايەت سەنەدى“ دېگەن بۇ سۆز ھەدىستە ھەدىس تېكىستىنىڭ ئالدىدىكى ھەدىس رىۋايەتچىلىرىدىن تۈزۈلگەن رىۋايەت يولىنى كۆرسىتىدۇ.
يول يۈرگۈچى يول بىلەن نىشانىغا يەتكەنگە ئوخشاش، بۇ يول ئارقىلىق ھەدىسنىڭ تېكىستىگە يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ”سەنەد“ دەپ ئاتالغان.
تىرمىزى ھۇمەيدتىن، ئۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەربىر ۋاخ ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى“ دېگەن ھەدىسكە ئوخشاش، سەنەد ۋە رىۋايەت قىلىش يولى ھەدىسنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر.
تىرمىزى مۇنداق دېگەن: ”ھۇمەيد ئارقىلىق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان بۇ رىۋايەت سەنەدىدىن قارىساق ھەسەن غەرىيب ھەدىس بولىدۇ. ئەمما، بۇ ھەدىس يەنە ئەمرىل ئەنسارى ئارقىلىق ئەنەستىن رىۋايەت قىلىنغان، نەتىجىدە بۇ ئىككى سەنەد بىلەن بۇ ھەدىس مەشھۇر ھەدىسكە ئايلىنىدۇ“.
ھۇمەيدنىڭ ئەنەستىن قىلغان رىۋايىتى بىر سەنەد، ئەمرىل ئەنسارىنىڭ ئەنەستىن قىلغان رىۋايىتى يەنە بىر سەنەد بولىدۇ.
شۇڭا، رىۋايەت مەزمۇنىغا يەتكۈزىدىغان يولنى ئادەتتە ”سەنەد“دەپ ئاتايمىز.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر