باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس ئىلمى كونكرېت قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-30   
ھەدىس ئىلمىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر نىسبەتەن مۇستەقىل بولغاچقا، ھەدىس ئىلمىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە كونكرېت تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن:
1) ھەدىس رىۋايەتچىسىنى باھالاش ئىلمى
بۇ ئىلىم رىۋايەتچىنى تەتقىق قىلىدۇ، ھەدىس ئىلمىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇ بىلەن رىۋايەتچىگە باھا بېرىدۇ. نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەقتە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل(ھىجرىيە 214-يىلى ۋاپات بولغان)، مۇھەممەد ئىبنى سەئد(ھىجرىيە 230-يىلى ۋاپات بولغان)، يەھيا ئىبنى مەئىن(ھىجرىيە 233-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە بۇخارى(ھىجرىيە 256-يىلى ۋاپات بولغان)لار بار.
2) ھەدىستىكى ئەيىب-نۇقساننى تېپىش ئىلمى(ئىللەت ۋە شازلىق ~ غەلىتىلىك ئىلمى)
بۇ ئىلىم ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان ئىنچىكە ئامىللارنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىش جەريانىدا سەنەدتىكى ئۈزۈكلۈكنى ئۇلاپ قويۇش، ساھابىنىڭ سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىش، ھەدىس مەزمۇنىغا سۆز-ئىبارىلەرنى قوشۇپ قويۇش، دېگەندەك ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر مەزكۇر ئىلىمنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدۇر. ئەلى ئىبنى مەدىينى(ھىجرىيە 234-يىلى ۋاپات بولغان)، ئىبنى ھاتىم(ھىجرىيە 327-يىلى ۋاپات بولغان)، دارۇل قۇتنى(ھىجرىيە 375-يىلى ۋاپات بولغان)لار بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاب يازغان.
3) ھەدىستىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئىلمى(ئىلمۇ مۇختەلىفىل ھەدىس)
بۇ ئىلىم شەكلى جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن قارىمۇقارشى بولۇپ قالغان، ئەمما بىرلەشتۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، تاللاپ-شاللاش ۋە ئەمەلدىن قالغان-قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدىغان ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىمام شافىئىي(ھىجرىيە 204-يىلى ۋاپات بولغان)، تاھاۋى(ھىجرىيە 231-يىلى ۋاپات بولغان)، ئىبنى قۇتەيبە(ھىجرىيە 263-يىلى ۋاپات بولغان)لەر بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاب يازغان.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر