باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نى قانچە خىل شەكىل بىلەن چۈشەندۈرگەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-25   
ئىمام شافىئىي ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «ئۇم»دا مۇنداق دېگەن: ئىسلام ئالىملىرى ھەدىسنى ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىلغا نىسبەتەن ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك، ئۇلار:
بىرىنچى، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق بايان قىلغان، رەسۇلۇللاھ ھەدىستە تەكىتلىگەن ئەھكاملار.
ئىككىنچى، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئومۇمىي جەھەتتىن غۇۋا بايان قىلغان، رەسۇلۇللاھ ھەدىس بىلەن ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئەھكاملار.
يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرگە قارىتا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك، ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق.
ئۈچىنچى، قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان، بەلكى رەسۇلۇللاھ ئۆزى مۇستەقىل بەلگىلىگەن ئەھكاملار. بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن:. ”بۇ ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق ھەمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»دە يوق ئەھكاملارنى ئۆزى مۇستەقىل بەلگىلەش توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن“يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزەلدىن ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم چىقارمىغان، بەلكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۈپ پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىش كۆرگەن“. مىسالەن، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئاساسىدا نامازنىڭ سانىنى بايان قىلىپ بەرگىنىگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىم-سېتىم قاتارلىق ئىشلاردا بەلگىلىگەن ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسى ۋە يىلتىزى قۇرئاندىن تېپىلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار﴾ {سۈرە ”بەقەرە“، 188-ئايەت}، ﴿ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى﴾{سۈرە”بەقەرە“، 275-ئايەت}. دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھالال ۋە ھارامغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملاردا خۇددى ناماز ھەققىدىكى بايانلىرىدەك «قۇرئان كەرىم»گە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغان.
يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى بىلەن بىرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈلگەن، شۇڭا ھەدىسمۇ ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانى بولۇپ، شۈبھىسىز ۋە ئىشەنچلىكتۇر“.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تاشلانغان بارلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى ھەدىستۇر، ئۇنىڭ ھېكمەتكە تولغان ھەدىسلىرى ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تاشلىغان سۆز-ئىبارىلەردۇر“.
ئىمام شافىئىي ھەدىسنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەنلىكى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تاشلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى رىۋايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ئابدۇل ئەزىز بىزگە مۇنداق دېگەن: ’ئەمرى ئىبنى ئەبى ئەمر مۇتەللىبتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇھۇل ئەمىن (جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) مېنىڭ قەلبىگە سۆز تاشلاپ: بىر ئادەم ئۇنىڭ رىزقى تۈگىگەندىلا ئاندىن ئۆلىدۇ، شۇڭا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، پۇلنى توغرا يولدىن تېپىڭلار، دېدى دېگەن‘“. شۇڭا، ئىمام شافىئىي مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تاشلانغاننىڭ ھەممىسى ھەدىستۇر، ئۇ ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە تىلغان ئالغان ھېكمەتتۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن تەڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى رەھمەت بولغاندەك، ئۇ ئېلىپ كەلگەننىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئىرادە قىلغان پەزلى-ئىنئامدۇر. ھەدىس بارلىق ئىنئاملارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھەربىر زەررىچىلىك سۆزگە قەدەر تارىتىۋەتكەن. بىز ئاللاھنىڭ قوغدىشىنى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمىز“.
بىرىنچى خىل ھەدىسنىڭ مىسالى: «قۇرئان كەرىم» نامازنى بەرپا قىلىشقا، روزا تۇتۇشقا، زاكات بېرىشكە، قۇدرىتى يەتكەندە ھەج قىلىشقا بۇيرۇغان. ھەدىستە ئىسلامنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق ئېيتىش، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇش، قۇدرىتى يەتكەنلەر ھەج قىلىش قاتارلىق بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾ {سۈرە ”نىسا“، 19-ئايەت} دېگەچكە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە ”ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار“دېگەن. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى «قۇرئان» ھۆكۈمىنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قايتا بايان قىلىنىشىدۇر.
ئىككىنچى خىلدىكى ھەدىسلەرنىڭ مىسالى:
1) «قۇرئان كەرىم»دە ئىخچام بايان قىلىنغان ھۆكۈمنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي بايان قىلغان ھەدىسلەر.
مىسالەن: «قۇرئان كەرىم»دىكى ناماز ئوقۇش ھەققىدىكى ئىخچام   قائىدىلەرنى تەپسىلىي تۈرگە ئايرىپ بايان قىلغان ھەدىسلەر. بۇنداق ھەدىسلەر روزا ۋە ھەجنىڭ قائىدىلىرىنى بايان قىلغان ھەدىسلەر ئىچىدىمۇ خىلى كۆپ.
2) «قۇرئان كەرىم»نىڭ پىرىنسىپ خاراكتېرلىك ھۆكۈملىرىنىڭ ئۆلچىمىنى بايان قىلغان ھەدىسلەر.
مىسالەن: «قۇرئان كەرىم»دىكى﴿ ئوغرىلىق قىلغان ئەر ۋە ئايالنىڭ قولىنى كېسىڭلار ﴾ دېگەن ئايەتكە نىسبەتەن، ھەدىستە ئوغرىلىقنىڭ ئۆلچىمى بىر دىنارنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكى، قاراۋاتقان ئادەم بار مالنى ئوغرىلاش ئىكەنلىكى، قولنى كېسىشنىڭ بېغىشتىن باشلاپ بولىدىغانلىقى، ھەمدە ئوڭ قولدىن باشلاپ كېسىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
3) «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئومۇمىي مەزمۇندىكى ئايەتلىرىنى خاسلاستۇرغان ھەدىسلەر.
مىسالەن: «قۇرئان كەرىم»نىڭ ﴿(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىن﴾ دېگەن بۇ ئايەتكە نىسبەتەن، ھەدىس قانداق مالدىن زاكات ئېلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھېسابقا يەتكەن بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق ئىنچىكە مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن.
4) «قۇرئان كەرىم» دىكى يوشۇرۇن مەنىلەرنى ئوچۇق بايان قىلىدىغان ھەدىسلەر.
مىسالەن: ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا زۇلۇم (مۇشرىكلىك)نى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر﴾ {سۈرە ”ئەنئام“، 82-ئايەت}. مەزكۇر ئايەتتىكى ”زۇلۇم“نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام”ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش“دەپ تەپسىرلەپ بەرگەن. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ﴿ نام-ئەمەلى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ﴾ {سۈرە ”ئىنشىقاق“، 7~8-ئايەت} دېگەن ئايىتىدىكى”ھېساب ئېلىنىدۇ“دېگەن سۆزنى”خاتالىقلىرى كۆرسىتىلىدۇ“دەپ تەپسىرلەپ بەرگەن.
ئۈچىنچى خىلدىكى ھەدىسلەرنىڭ مىسالى تۆۋەندىكىچە:
1) ئۆلۈك بېلىق ۋە ئۆلۈك چېكەتكە، ھايۋانلارنىڭ جىگەر ۋە تاللىرىدىكى قالدۇق قانلارنى يېيىشكە بولىدىغانلىقى؛
2) ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ھايۋاننى بوغۇزلاشتا ئانىسىنى بوغۇزلاشنىڭ ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى؛
3) يىرتقۇچ قۇش، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋە ئائىلىدە باققان ئېشەك گۆشىنىڭ ھاراملىقى؛
4) ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن ئايالىنىڭ ھاممىسى ياكى جىيەن سىڭلىسىنى بىرگە نىكاھىغا ئېلىشنىڭ ھاراملىقى؛
5) نىكاھلانمىغان زىنا قىلغۇچىنى سۈرگۈن قىلىش، نىكاھلانغان زىنا قىلغۇچىنى چالما-كېسەك قىلىش؛
6) مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن مىراس ئېلىش ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، شۇنداقلا قاتىل ۋە قۇلنىڭ مىراس ئېلىش ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى؛
7) سەدىقە پىتىر تاپشۇرۇش؛
8) شاھىدنىڭ قەسىمى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش؛
يۇقىرىقى ئەھكاملار «قۇرئان كەرىم» دە يوق، ھەدىس ئارقىلىق روشەنلەشتۈرۈلگەن ئەھكاملاردۇر.
ھەدىس بىلەن «قۇرئان كەرىم» بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەدىس ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەشمىسىدۇر. پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەدىسكە چىڭ يېپىشىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش لازىم.
بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىشى ۋە ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ”ماڭا «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى (ھەدىس) بېرىلدى، كېيىن بەزىلەر ئورۇندۇقىدا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ سىلەرگە: «قۇرئان كەرىم»گە ياخشى ئەمەل قىلىڭلار، «قۇرئان كەرىم»دە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارلا ھالالدۇر، «قۇرئان كەرىم»دە چەكلەنگەن ئىشلارلا ھارامدۇر، دەيدۇ“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېكمەتنى نازىل قىلغان“.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ”سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى بېرىلگەنىكەن ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، ھېچكىمنىڭ ئۇنى تەرك ئېتىشىگە ئۆزرە ۋە باھانىسى يوقتۇر، ئەگەر «قۇرئان كەرىم»دە بولمىسا ئۇنداقتا مېنىڭ سۈننىتىمگە ئاساسەن ئىش كۆرۈڭلار“.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر