باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

«قۇرئان كەرىم» ئايرىم-ئايرىم قايسى نۇقتىلاردىن ھەدىسنىڭ ئورنىنى تەكىتلىگەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-10   
ئاللاھ بىزنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە پەيغەمبەرگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىككە ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا ھەمدە چەكلىگەنلىرىدىن يېنىشقا بۇيرۇغان.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ (ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر ﴾ {سۈرە ”ئال ئىمران“، 31-ئايەت}.
﴿ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ئەر-ئايال مۆمىنلەرنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلمىسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ  {سۈرە ”ئەھزاب“، 36-ئايەت}.
﴿ پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن ﴾ {سۈرە ”نۇر“، 63-ئايەت}.
﴿ پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر ﴾ {سۈرە ”ھەشر“، 7-ئايەت}.
﴿ (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ ﴾ {سۈرە”نىسا “، 65-ئايەت}.
ئاللاھ يەنە بىزگە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغانلىقنىڭ دەرىجىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن.
1) ئاللاھ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغانلىقنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغان.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار  {سۈرە ”نىسا“، 59-ئايەت}.
ئىبنى قەييىم بۇ ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ” ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا، پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ’ئىتائەت قىلىش‘دېگەن بۇ سۆز بېرىكمىسى تەكرار ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ سەۋەبى پەيغەمبەرگە مۇستەقىل ئىتائەت قىلىش زۆرۈر، پەيغەمبەر قىلغان بارلىق ئىشتا «قۇرئان» دىن دەلىل تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىلا بولىدىكەن «قۇرئان» دا ئۇنىڭغا ئالاقىدار بۇيرۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىز پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرگە شۈبھىسىز «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىس بېرىلگەندۇر.
مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئاللاھ ئۇلارغا مۇستەقىل ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇمىغان، ئەكسىچە ’ئىتائەت قىلىڭلار‘دېگەن سۆزنى ’ئىش ئۈستىدىكىلەر‘دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا ئايرىم زىكىر قىلماستىن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنۇشنى پەيغەمبەرگە بويسۇنۇش ئىچىگە قېتىۋەتكەن. بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىشى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. ئۇلاردىن كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدىكەن، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتائەت قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، كىمكى پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا بۇيرۇيدىكەن، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتائەت قىلىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ “.
2) ئاللاھ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلىق دەپ قارىغان.
ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 80-ئايەت}.
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ پەيغەمبەرنى ئالاھىدە تاللىغان، ئۇنى خاتالىشىشتىن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن مەڭگۈ ساقلىغان.
3) ئاللاھ بىزگە مۆمىننىڭ پەيغەمبەرگە بويسۇنۇشى ۋە ئىتائەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى شەرھلەپ بەرگەن.
ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ پەيغەمبەرنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەقەت: ’ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق‘دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى، ئەنە شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر ﴾ {سۈرە “نۇر”، 51-ئايەت}.
شۇ سەۋەبدىن مۆمىنلەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، توغرا يولنىڭ يېتەكچىسىدۇر. ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ”سەن ھەقىقەتەن توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىسەن“دېگەن، پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ.
 ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنىدا ۋە كىتابىدا پەيغەمبىرىگە يۈكسەك ئورۇن بەرگەن، ئىنسانلارنى پەيغەمبىرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا قارشى چىقىشتىن توسقان، ئىنسانىيەتكە ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلامنىڭ يولباشچىسى قىلىپ تاللىغانلىقىنى شەرھلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھ ئۆز پەزلى-ئىنئامى بىلەن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ زىچ ئالاقىسىنى بايان قىلغان “.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر